سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى باش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايرودۇرۇم 21-ئۆكتەبىر چارشەنبە كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق بىر چەت ئەل پۇقراسى قازا قىلغان، يارىلانغان سەككىز كىشى دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن.
ئىدارە ھۇجۇمنىڭ ماددىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، زىياننى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھۇجۇمنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە كىمنىڭ تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: شەرقىي رايوندا تۆت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلدى
يەمەندىكى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى دۆلەتنىڭ شەرقىي رايونىدا تۆت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى توسۇپ يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەمەندە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا ۋە بەزى ۋىلايەتلەرنى كونترول قىلىۋالغاندىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. ئەرەب ئىتتىپاقى 2015-يىلى مارتتىن بېرى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.






















