خىتاي ئامېرىكا بىلەن كۈچىيىۋاتقان سودا ئۇرۇشىدا «ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقى»نى جاكارلىدى

بېيجىڭ ترامپنىڭ كۈچىيىۋاتقان سودا جىددىيچىلىكى شارائىتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يولىدىكى «قانۇنلۇق» تەدبىرلەر دەپ ئاتاپ يېڭىدىن يولغا قويغان %100 لىك تاموژنا بېجى ۋە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك پورت ھەققىنى ئەيىبلىدى.

China says it will "fight to the end" in its trade war with the US after President Trump announces new 100 percent tariffs on Chinese goods [File] / AP

خىتاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك يېڭى تاموژنا بېجى ۋە ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سودا ئۇرۇشىدا «ئاداققىچە كۈرەش قىلىش»قا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى: «تاموژنا بېجى ئۇرۇشى ۋە سودا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەيدانى ئىزچىل ئۆزگەرمىدى. ئەگەر ئۇرۇش قىلماقچى بولساڭلار، ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىمىز؛ ئەگەر سۆھبەتلەشمەكچى بولساڭلار، ئىشىكىمىز ھەر دائىم ئوچۇق.»

ترامپنىڭ خىتاي ئىمپورتىغا قوشۇمچە %100 تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈش قارارى، بېيجىڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋە ھەربىي سانائەت ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان كەم ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىغا قويغان ئېكسپورت چەكلىمىسىگە قارىتا چىقىرىلغان بولۇپ، ترامپ خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى «ئىنتايىن دۈشمەنلەرچە» ۋە «ھەيران قالارلىق» دەپ ئاتىدى.

بېيجىڭ ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى ئاقلاپ، بۇلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن «قانۇنلۇق ھەرىكەتلەر» ئىكەنلىكىنى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەندىشىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي ئۆزىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقئارا كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكىنى ئىزچىل ۋە قەتئىي قوغداپ كەلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يېقىنقى جىددىيچىلىكلەر داۋامىدا، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ پاراخوتلىرىدىن ئۆزئارا پورت ھەققى ئېلىشقا باشلىشى بىلەن يېڭى بىر فىرونت ئېچىلدى. خىتاي سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكاغا تەۋە، ئامېرىكا تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، ئامېرىكادا ياسالغان ياكى ئامېرىكا بايرىقىنى ئېسىۋالغان بارلىق پاراخوتلاردىن يېڭى ھەقلەرنى يىغىشقا باشلىغانلىقىنى، ئەمما خىتايدا ياسالغان ياكى رېمونت قىلىش ئۈچۈن خىتاي پورتلىرىغا كىرگەن پاراخوتلارنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ھەقلەر پاراخوتلارنىڭ تۇنجى كىرىش پورتىدا بىر قېتىم ئېلىنىپ، بىر يىل ئىچىدىكى بەش قېتىملىق سەپەرگىچە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ھەق يىغىش 17-ئاپرېلدا باشلانغان ھېسابات دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئامېرىكامۇ ئوخشاش شەكىلدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك پاراخوتلاردىن پورت ھەققى يىغىشقا باشلىدى. ۋاشىنگتون بۇ قەدەمنى بېيجىڭنىڭ دۇنياۋى دېڭىز تىرانسپورتىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا پاراخوت ياساش سانائىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر تىرىشچانلىق دەپ تەسۋىرلىدى.

ترامپ جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە، 1-نويابىردىن باشلاپ «ھەر تۈرلۈك ھالقىلىق يۇمشاق دېتاللار»غا قارىتا ئېكسپورت كونتروللۇقىنى يولغا قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلىپ، ئەگەر بېيجىڭ كەم ئۇچرايدىغان تۇپراق ئېلېمېنتلىرىغا قويغان چەكلىمىنى بىكار قىلمىسا، تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

سودا ماجىراسى بازارلارنى زىل-زىلىگە سالدى ۋە ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشنىڭ ھازىرچە توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.