مېكسىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
مېكسىكا ئارمىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدىتېببىي ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەن مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ ئىچىدە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشى بار ئىدى.
مېكسىكا ئارمىيەسىتەۋە ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى / AP

مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسى تېببىي ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا كۆرۈلگەن كاشىلا سەۋەبىدىن ئايروپىلانلىرىدىن بىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى گالۋېستون ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ۋەقەدە بەش كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئىككى كىشىنىڭ بولسا يارلانماي قۇتۇلۇپ قالغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى؛ بىر كىشىدىن تېخىچە ئىز-دېرەك يوق.

 دېڭىز ئارمىيەسى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، King Air ANX-1209 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ تېببىي ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىچىدە بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئايروپىلاندا Michou y Mau فوندى جەمئىيىتىنى قوللاش دائىرىسىدە تۆت نەپەر دېڭىز ئارمىيەسى ئوفىتسېرى ۋە تۆت نەپەر پۇقرا بار ئىدى. مەزكۇر فوندى جەمئىيەت ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان بىر ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر.

تېببىي داۋالىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلىۋاتقان كىچىك ياشتىكى بىمارمۇ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنى ئامېرىكا ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلان ئوكيان ئىچىدىن تېپىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە خيۇستوندىكى مېكسىكا باش كونسۇلخانىسى ئارقىلىق يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، قازا يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئايروپىلان قونۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىكەن. ۋەقە تېكساسنىڭ بەزى رايونلىرىدا قۇيۇق تۇمان كۆرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى