سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن كىم جوڭئۇنغا «ئەسكەرلىرىڭلار ئۇكرائىناغا قارشى قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى» دېدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىدىكى پىداكارلىقلىرى ۋە جەڭلەردە نامايان قىلغان قەھرىمانلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن كىم جوڭئۇنغا «ئەسكەرلىرىڭلار ئۇكرائىناغا قارشى قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى» دېدى
شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرى غەربىي رۇسىيەدىن ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشتا رۇسىيەگە ياردەم قىلدى. / Reuters

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا قارشى كۈرەشتە نامايان جاسارىتى ئۈچۈن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا رەھمەت ئېيتتى.

پۇتىن خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا كىمغا: «مەلۇم بولغىنىدەك، سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىز بىلەن ئالاھىدە قىسىملىرىڭىز كۇرسكى رايونىنى ئازاد قىلىشقا قاتناشتى. ئەسكەرلىرىڭىز باتۇرلۇق بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى» دېدى.

شىمالىي كورېيە قىسىملىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى كۇرسكى رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا ياردەم قىلغانىدى.

پۇتىن: «قوراللىق قىسىملىرىڭىزنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ پىداكارلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن» دېدى.

پۇتىن يەنە: «رۇسىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئورتاق كۈرەشكە قاتناشقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. شىمالىي كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتۈن خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن» دېدى.

ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۇتىن يەنە كىم جوڭئۇنغا خەت يېزىپ، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى ماختىغانىدى.

كورېيەنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ  خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپتا پۇتىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن شىمالىي كورېيە قىسىملىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكىچى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە جەڭ قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەنىدى.

رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يىلى پۇتىننىڭ بۇ دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا.

شىمالىي كورېيە ئاپرېل ئېيىدا تۇنجى قېتىم ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيە قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە جەڭ  قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە بىر ھەربىي گۇرۇپپا ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە ۋە غەرب ئاخبارات ئورگانلىرى پيوڭياڭنىڭ 2024-يىلى رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن بىرگە زەمبىرەك ئوقى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتا سىستېمىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سېئۇل ھۆكۈمىتى رۇسىيە ئۈچۈن جەڭ قىلغان تەخمىنەن 600 شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە مىڭلارچە ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»