سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى ئىراننىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، يېڭى ھەربىي ئىستراتېگىيەنىڭ ھۇجۇملارغا تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش پىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
تېھراندىكى ئازادى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ئىراننىڭ «زۈلفىقار بەسىر» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى. 29-ئىيۇل(2026). سۈرەت: ئا پ (ئارخىپ) / AP

ئىراننىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەدىكى ئۆزگىرىش يېقىنقى ئۇرۇشلاردىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ھۇجۇملارغا تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش پىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىران ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى (doctrine) «مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا» ئۆزگەرتتى. ئارمىيە باياناتچىسى شەنبە (2026-يىلى 22-ئاۋغۇست) كۈنى دۆلەتنىڭ يېقىنقى ئۇرۇشلاردىكى تەجرىبىلىرى ئۈستىدە توختالغاندا شۇنداق دېدى.

گېنېرال مايور مۇھەممەد ئەكرەمىنىيا دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا (IRNA) غا  بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئۆزى «12 كۈنلۈك ۋە 40 كۈنلۈك ئۇرۇشلار» دەپ ئاتالغان جەرياندا تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «دۆلىتىمىزنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەسى ئۆتمۈشتە مۇداپىئەنى ئاساس قىلاتتى، ئەمما بۇ ئىككى ئۇرۇش جەريانىدا ھەربىي ئىستراتېگىيەنىڭ مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇق» دېدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆزگىرىش ھۇجۇملارغا تېخىمۇ تېز ۋە كەڭ كۆلەمدە ئىنكاس قايتۇرۇش، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردە ئىپادىلەنگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - War with US should end while Tehran is in position of 'power and dignity': Pezeshkian

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۈچۈن مۇكاپات بېرىش پىلانى

ئەكرەمىنىيا ئارمىيەنىڭ يەنە بىر پىلان تۈزگەنلىكىنى، ئەگەر ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىران زېمىنىغا قۇرۇقلۇقتىن بېسىپ كىرسە، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن ياكى ئەسىر ئالغانلارغا مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ پىلانغا ئاساسەن، قوراللىق قىسىم ئەسكەرلىرى ياكى قانۇنلۇق ئوۋ قورالى بار پۇقرالار ئىرانغا كىرگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرسە ياكى ئەسىر ئالسا، 5 مىليارد تۈمەن (تەخمىنەن 26 مىڭ دوللار) مۇكاپاتقا ئېرىشىدىكەن. ئەگەر ئايال ئەسكەر ياكى ئايال پۇقرا بولسا، مۇكاپات سوممىسى ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولۇپ 10 مىليارد تۈمەن (تەخمىنەن 53 مىڭ دوللار) بولىدىكەن.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئارمىيە بۇ جەرياندا ئىشلىتىلگەن قورالنى ئەسلىدىكى قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە سېتىۋالىدىكەن ۋە ئىگىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ھەربىي مۇزېيىغا قويۇلىدىكەن. ئۇ كىشىگە ئوخشاش تىپتىكى يېڭى قورال بېرىلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran remains defiant as US keeps pressure, with both sides trading rhetoric ahead of new sanctions

ئىران رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ ئۆتتى

ئەكرەمىنىيا ئامېرىكانىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە ۋە پاكىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىن مۇستەقىل ھالدا قۇرۇپ چىققان مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى بۇ مېخانىزم كەلگۈسىدە ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.

ئۇ بۇنى ئىچىدە ئامېرىكا بولمىغان تۇنجى رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مېخانىزمى دەپ تەسۋىرلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye 'key partner' in Syria's reconstruction: Syrian FM
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار