تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادىكى دىپلوماتىك مارافونىنى داۋاملاشتۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى زىيارىتى تۈركىيە ئۈچۈن دىپلوماتىك سەپەرۋەرلىككە ئايلاندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكادىكى دىپلوماتىك مارافونىنى داۋاملاشتۇرماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكادىكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاقسارايدىن ئايرىلدى.

پەيشەنبە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ۋە ئارقىدىن مىنىستىرلار كېڭىشى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت زىياپىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن سەزگۈر بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

ترامپ ئەردوغان بىلەن مۇداپىئە ساھەسى سېتىملىرى، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغان F-16 ۋە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشى توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى تۈركىيە ئۈچۈن گەۋدىلىك دىپلوماتىك ۋەقەگە ئايلاندى. ئەردوغان نىيۇيوركتىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا، دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك دىپلوماتىك مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۈچەيتتى.

سۆھبەتلەردە پەلەستىن، رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىكى رولى نۇقتىلىق تېما بولدى.

ۋىيېتنام

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىيېتناملىق مەنسەپدىشى لۇئونگ كۇئونگ بىلەن نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە رايون خاراكتېرلىك تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، ھازىرقى تىجارەت ھەجىمىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش ئارزۇسىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ۋىيېتنامنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە «تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە» تۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ب د ت كىلىمات باشلىقلار يىغىنى

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 2025-يىلىغا كەلگەندە ئومۇمىي قۇرۇلما ئىقتىدارىدا يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ نىسبىتىنى %60 تىن ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان نىيۇيوركتىكى ب د ت كىلىمات باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، تۈركىيەنىڭ 2035-يىلىغىچە پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 466 مىليون توننا ئازايتىشنى ۋە ئومۇمىي پارنىك گازى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى 643 مىليون تونناغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «2053-يىللىق ساپ نۆل پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىشانىمىزغا ئاساسەن، مۇھىم ساھەلىرىمىزنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز،» دېدى.

فىرانسىيە

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نىيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشخانىسىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەتتە تۈركىيە-فىرانسىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

فىرانسىيە بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بولۇپمۇ سودا، ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى