جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتىئەردوغان: «ئىسرائىلىيە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان لىۋان پىرېزىدېنتى ئەۋن بىلەن بىر كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋاننىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان رايوندىكى بەزى كۈچلەرنىڭ رىقابەت ۋە توقۇنۇش مەيدانى سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرىغان قېرىنداش دۆلەت ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتە باشتىن-ئاخىر نىشان قىلغان مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق مۇھىتىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ لىۋان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان لىۋان پىرېزىدېنتى جوزېف ئەۋن بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سارىيىدا ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى باشلانغان 2026-يىلى 2-مارتتىن بۇيان 4 مىڭ 300 دىن ئارتۇق لىۋانلىقنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 مىڭدىن ئارتۇق لىۋانلىقنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 1 مىليون كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم پىرېزىدېنت ئەۋن ھەم لىۋان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تېزدىن ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمەن. تۈركىيە تۇنجى كۈندىن باشلاپ ھۇجۇملارغا ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى بۇ جەرياندا يەنە كۈنتەرتىپتە تۇتتۇق. بۇ ھۇجۇم ۋە بېسىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلانغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان جەنۇبىي لىۋاننى قايتا قۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلىتىمىزنىڭ قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن.»

لىۋان پىرېزىدېنتى جوزېف ئەۋن تۈركىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئىرادىسى قەتئىيدۇر.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى، مېھماندوستلۇقى ۋە تەكلىپى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان مېھمان پىرېزىدېنت، زىيارىتىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە رايوننىڭ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ كېلەچىكى شەكىللەندۈرۈۋاتقان بىر جايغا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەۋن تۈركىيە-لىۋان قېرىنداشلىقىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسى مەزگىللەردە بۇ كېلەچەك ئىستىقبالنى بەرپا قىلىشتا زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ كەلگۈسى نىشانى ۋە سادىق ئىرادىسى بىلەن بۇ مۇناسىۋەتلەرنى قوللىماقتا. دەرۋەقە، ئەردوغاننىڭ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى يېڭى بىر ھەمكارلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ئىرادىسىمۇ قەتئىيدۇر.»

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ «دۆلەتتە تىنچلىق، دۇنيادا تىنچلىق» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئەۋن، تۈركىيە-لىۋان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا: «ئىككى دۆلەت تارىخىغا مۇناسىپ شەكىلدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدۇ. لىۋان-تۈركىيە دوستلۇقى ياشىسۇن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى