ھامبۇرگ مۇسۇلنىڭ تۇنجى كۆچمە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ھامبۇرگ مۇسۇلنىڭ تۇنجى كۆچمە كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولدىگېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىن ئىلھام ئالغان بىر پىكىر ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە ھاياتلىققا ئېرىشتى.
00:00
مۇسۇلنىڭ تۇنجى كۆچمە كۇتۇپخانىسى / TRT Global

موسۇلدا ئېچىلغان، مۇھىت ئاسراشنى نىشان قىلىدىغان تۇنجى كۆچمە كۈتۈپخانا مائارىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ۋە جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇردى.  

ئىراقلىق ئاكادېمىك دوكتور ئابدۇسساتتار ئابدۇلجاببار ھامبۇرگ كوچىلىرىدا كۆرگەن كۆچمە كۇتۇپخانىدىن ئىلھام ئېلىپ، مۇسۇلدا  كۆچمە كۇتۇپخانا ئېچىلىشىدا يېتەكچىلىك رولى ئوينىدى.

بۇ تۈرنى ئەرەب-گېرمان ياشلار ئىلىم - پەن ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى ئاكادېمىيەسى موسۇل مىراس فوندى جەمئىيىتى ۋە كورېك تېلېگراف شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. بەش قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ئىشلىتىلگەن كۆچمە كۇتۇپخانا پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ياردىمىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

كۆچمە كۇتۇپخانىدا موسۇل ئاھالىلىرى ۋە كۈتۈپخانىلار ئىئانە قىلغان مىڭدىن ئارتۇق كىتاب بار. قول كومپيۇتېرلار 1  مىليون 500 مىڭ ھەقسىز ئېلېكترونلۇق كىتاب ۋە تور ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

موسۇل ئاھالىلىرى مائارىپ ۋە مۇھىت ئېڭىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن. كۆچمە كۇتۇپخانا ئۇرۇشتىن كېيىن موسۇلدىكى مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.

كۆچمە كۈتۈپخانا موسۇلنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ تۈر نىنەۋە قەدىمىي شەھىرى خارابىسى بار موسۇلدىكى مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي مىراسلارنى جانلاندۇرىدۇ.

بۇ تۈر  بولۇپمۇ دائېش ۋەقەلىرى جەريانىدا كىتاب ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدىگەن ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كۆچمە كۇتۇپخانا مۇقىم كۈتۈپخانىلارغا كىرىشتە قىينىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. موسۇلدىكى كۆچمە كۇتۇپخانا پەقەت كىتابلارغا ئېرىشىشنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ۋە مۇھىت ئېڭىنىمۇ كۈچەيتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى