ئەنقەرەدە ئېچىلغان تۈرك دۇنياسى ئالاقە يىغىنىدا ساختا ئۇچۇرغا قارشى كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش تەكىتلەندى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ساختا ئۇچۇرغا (دېزېنفوماسسىيەگە) قارشى تۇرۇش مۇنبىرى» ئەنقەرەدە يىغىن چاقىردى.

By
تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ساختا ئۇچۇرغا (دېزېنفوماسسىيەگە) قارشى تۇرۇش مۇنبىرى / TRT Global

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ساختا ئۇچۇرغا (دېزېنفوماسسىيەگە) قارشى تۇرۇش مۇنبىرى»، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش ۋە ئاممىنى قايمۇقتۇرىدىغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئورتاق مەيداندا تۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇنبەرگە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە شىمالىي سىپرۇس (قىبرىس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن مىنىستىرلار، تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ژۇرنالىستلار قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى، تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئۈنۈملۈك ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ساختا ئۇچۇرغا قارشى تۇرۇشتا ئورگانلار ئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش دەپ ئېلان قىلىندى.

ئالاقە سېپىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىمىز

مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرهانەتتىن دۇران، ساختا ئۇچۇرنىڭ پەقەتلا بىر ئۇچۇر بۇلغىنىشى ئەمەس، بەلكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ئالاقە سېپىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىمىز» دېدى ۋە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ «تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» شوئارى بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ساختا ئۇچۇرغا قارشى تۇرۇشنىڭ ھەم «تۈرك دۇنياسى 2040-يىللىق تەسەۋۋۇرى» ھەم «2025-يىللىق ئۇچۇر ساھەسىدىكى ھەرىكەت پىلانى» ئىچىدە ئورۇن ئېلىشىنىڭ، بۇ مەسىلىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھەقىقەتكە قارشى يەرشارىۋى تەھدىت

دۇران ساختا ئۇچۇرنىڭ خەلقئارالىق بىر قورالغا ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ؛ بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قاتناش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تۈرلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق قارا چاپلاش ھەرىكەتلىرىگە دىققەت تارتتى.

ئىككىنچى قېتىملىق قاراباغ ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەزەربەيجانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن دۇران، ھەقىقەتنىڭ قەستەن بۇرمىلىنىشىنىڭ «بىر خىل زېھنىي ئاپەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان تاراتقۇ تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى ئەھمەد ئىسمائىلوۋ بولسا، ساختا ئۇچۇرنىڭ ئورتاق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ھەل قىلىش يولىنىڭ جەمئىيەتنىڭ تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە كەسپىي تاراتقۇ ئەخلاقىنى كۈچەيتىشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مۇنبەر تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق كەلگۈسىگە تەھدىت سالىدىغان تەتۈر تەشۋىقات ئوپېراتسىيەلىرىگە قارشى تېخىمۇ مۇستەھكەم بىر «كۆك گۈمبەز» (مۇداپىئە قالقىنى) بەرپا قىلىش ئىرادىسى بىلەن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.