پاكىستان ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنى كىمنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى؟
Pakistan’s JF-17 jets were recently equipped with China’s most advanced long-range air-to-air PL-15 missiles. Photo: Reuters / Reuters
پاكىستان ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنى كىمنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى؟
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.
2025-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى

پاكىستان چارشەنبە كۈنى (7-ماي) ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغان يادرو دۆلىتى بولغان قوشنىسى ھىندىستاننىڭ  ئىلغار تىپلىق بەش دانە رافائېل(Rafale) ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرمىدى، لېكىن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقانلىرى نەقىل ئېلىنغان خەۋەرلەردە، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە بىر نەچچە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېيتىلدى.

بۇ ۋەقە پاكىستاننىڭ «JF-17» ئايروپىلانلىرىغا، يېقىندا خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار يىراق مۇساپىلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سەپلەنگەنلىكىگە دىققەتنى تارتتى.

 پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ھىندىستان بىلەن زىددىيەت كۈچەيگەندە، ئۆتكەن ھەپتە «JF-17» ئايروپىلانلىرىغا «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان سىنلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا خىتاينىڭ 5-ئەۋلاد «J-10» ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ياسالغان.

«ئەگەر پاكىستان <PL-15> باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولسا، بۇ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەقىقىي جەڭدە ئىشلىتىلگەنلىكى بولىدۇ» دەيدۇ،  پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى (PAF) نىڭ سابىق ئۇچقۇچىسى خالىد چىشتى.

تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەردە «PL-15» نىڭ خىتاي ئارمىيەسى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ۋە تېخى ئېكسپورت قىلىنمىغان قىسقا مۇساپىلىق نۇسخىسى كۆرۈندى.

خالىد چىشتى: «يېقىندا پاكىستان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن باردىم، ئۇچقۇچىلاردىن بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى توغرىسىدا سورىدىم، ئۇلار 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، دېدى» دەيدۇ.

«PL-15E» ئېكسپورت نۇسخىسى بولۇپ، مۇساپىسى 145 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

 

خالىد چىشتى: «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھىندىستاننىڭ رافائېل ئايروپىلانلىرىغا سەپلەنگەن مېتېئورىت (Meteor) باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ مۇساپىسىدىن ئۇزۇن» دەيدۇ.

پاكىستاننىڭ «JF-17» ئايروپىلانلىرىغا يەنە (Active Electronically Scanned Array) (AESA) دەپ ئاتىلىدىغان ئىلغار تىپلىق رادار سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye condemns India’s attack on civilians, warns of war in escalating tensions with Pakistan

خالىد چىشتى: «ئادەمنىڭ كۆزى پەقەت بىر نەچچە كىلومېتىر كۆرەلەيدۇ، مەشغۇلات رادار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئەمەس. دەسلەپتە، سىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ يولىنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەك، بۇنى يۇقىرى سەۋىيەلىك رادارمۇ قىلالايدۇ» دەيدۇ.

رافائېل ئايروپىلانلىرىنى يوقىتىپ قويۇش ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ زىيان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھاۋا ئارمىيەسىنى پارىژدىكى داسسالت ئاۋىياتسىيەسى (Dassault Aviation)  نىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نەچچە مىليارد دوللار خەجلىگەن.

خالىد چىشتى: «ھىندىستان ئولتۇرۇپ، نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ئويلىنىشى كېرەك. بۇ چوڭ زىيان. بۇلار ياخشى رېپېتىتسىيە قىلىنغان بولۇپ، تىنچلىق دەۋرىدە نەچچە ئاي ئىلگىرى ياخشى پىلانلانغان ۋە ھېسابلانغان» دەيدۇ.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھۆكۈمىتى ئەگەر پاكىستاننىڭ داۋاسى جەزملەشتۈرۈلسە، سايلىغۇچىلارنى خاتىرجەم قىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ 2019-يىلى ئوخشاش زىددىيەتتە يۈز بەرگەن خېجىللىقنىڭ تەكرارلىنىشى بولىدۇ.

2019-يىلى فېۋرالدا، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ھىندىستاننىڭ «MiG-29» ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، پاكىستاندا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەسلىمىسىگە ئايلانغان ئۇچقۇچى ئابھىناندان ۋارتاماننى ئەسىرگە ئالغان ئىدى.

ھىندىستان ئۇ ۋاقىتتا پاكىستاننىڭ «F-16» ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى داۋا قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى كېيىنچە پاكىستاننىڭ ئايروپىلانلىرىنى ساناپ، ھېچقانداق كەمچىلىك يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى.

خالىد چىشتى: «بىز ئامېرىكالىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، < F-16> لارنى سانىشىنى تەلەپ قىلدۇق، ئۇلار ساناپ بولۇپ جەزملەشتۈردى. ھازىر رافائېل شىركىتىمۇ كېلىپ، ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنى سانىشى كېرەك. ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۇلار بۇنى قىلىشى كېرەك» دەيدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى
پەزەشكىيان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىراننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن چىكىنىش سىگنالىنى بېرىشى بىلەن FIFA باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا
ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلانمىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىتنى قويۇپ بېرىدىكەن
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىچە، ئىران ھۆكۈمىتى يېقىلىش خەۋپىدىن خېلىلار يىراق ئىكەن
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش ئەندىشىلىرى تۈپەيلىدىن نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى 100 دوللاردىن ئاشتى
رۇسىيە بريانسك ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇكرائىنا بىلەن ئەنگلىيەنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 3400 نىشانغا قارىتا 6000 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى