ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادېشتا شىددەتلىك يامغۇر 1400 دىن ئارتۇق روھىنگيالىقنىڭ ئۆيىگە زىيان سالدى
33 پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا 53 قېتىم يەر كۆچۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
باڭلادېشتا  شىددەتلىك يامغۇر 1400 دىن ئارتۇق روھىنگيالىقنىڭ ئۆيىگە زىيان سالدى
باڭلادېشتا شىددەتلىك يامغۇر 1400 دىن ئارتۇق روھىنگيالىقنىڭ ئۆيىگە زىيان سالدى / AA

باڭلادېشنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كوكس بازار رايونىدا كۈچلۈك پەسىللىك يامغۇرى 1400 دىن ئارتۇق روھىنگيالىقنىڭ ئۆيىگە زىيان سالدى.

ئىككى كۈن ئىچىدىلا 33 مۇساپىرلار لاگېرىدا 53 قېتىم يەر كۆچۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بىر پاناھلانغۇچى تام ئۆرۈلۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى، 11 كىشى چاقماق سوقۇشى سەۋەبىدىن يارىلادى. بۇ ئۇچۇرلار دۈشەنبە كەچتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پاناھلانغۇچىلار ئالىي كومىسسارلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلدى.

ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشلىرى ئورگىنى، «قاتتىق پەسىللىك يامغۇر روھىنگيالىق پاناھلانغۇچىلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلدى» دېدى.

كوكس بازار رايونىدا 1 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق روھىنگيالىق پاناھلانغۇچىلار پاناھلىنىشقا تىرىشماقتا. بۇ پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 2017-يىلى بېرما ئارمىيەسىنىڭ باستۇرۇشىدىن كېيىن بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن.

ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشلىرى ئورگىنىنىڭ باڭلادېشتىكى ۋاقىتلىق ۋەكىلى جۇلىيېت مۇرىكىيسونى: «تىك قىيالىقلار، كەلكۈن ۋە ۋاقىتلىق پاناھجايلار مۇشۇنداق نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان جايدا خەتەرلىك بىر قالايمقانچىلىقنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، بامبۇك ۋە برېزېنت ماتېرىياللىرىدىن ياسالغان پاناھجايلار كۈچلۈك شاماللار بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلىشىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە» دېدى.

ب د ت پاناھلانغۇچىلار ئىشلىرى ئورگىنى، بېرمىنىڭ راخاين ئۆلكىسىدە قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ، يېڭىدىن كەلگەن مىڭلىغان روھىنگيالىقنىڭ، ئاللىبۇرۇن ھەددىدىن زىيادە قىستاڭ بولغان بۇ رايوننى تېخىمۇ تارايتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئېغىر مالىيە قىيىنچىلىقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ۋە كېرەكلىك تەييارلىق تەدبىرلىرىنى تولۇق يولغا قويۇش ئىقتىدارىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ب د ت نىڭ باڭلادېشتا تۇرۇشلۇق كوئوردېناتورى گۋېن لېۋىس كوكس بازار لاگېرلىرىدا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ ئاپەتلەرگە تەييارلىق قىلىش مۇھىم بولۇپلا قالماي، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشتۇر» دېدى.

پەسىللىك يامغۇرغا تەييارلىق قىلىش ئادەتتە ماي ئېيىدىن بۇرۇن باشلىنىدۇ، ئەمما بۇ يىل مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بۇ تەدبىرلەر يولغا قويالالمىدى.

بۇ يىل، ب د ت نىڭ روھىنگيالىق پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ئۈچۈن ھازىرلىغان بىرلەشمە ئىنكاس پىلانى، باڭلادېشتىكى روھىنگيالىق پاناھلانغۇچىلارغا ۋە ساھىبخان مەھەللىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 934 مىليون 500 مىڭ دوللار تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەلەپ قىلىنغان مەبلەغنىڭ پەقەت %20 ىلا توپلىنالىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى