خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى، مەبلەغ كىرىزىسى بولسا چوڭقۇرلاشماقتا.
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى
ىلىيە ۋە قاتار، روھىڭگيا ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى / AP

بۇ يېڭى ئورتاق پىلان كوكس بازار شەھىرىدە ئاجىز ئەھۋالدا قالغان ئائىلىلەرگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كوكس بازاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق روھىڭيالىق مۇساپىر ياردەمگە موھتاج.

ئەنگلىيە بىلەن قاتار يەكشەنبە كۈنى باڭلادېشنىڭ كوكس بازار شەھىرىدە ياشاۋاتقان 647 مىڭدىن ئارتۇق روھىڭيالىق مۇساپىرنى ۋە شەھەردىكى باشقا جامائەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللارلىق ئورتاق مەبلەغ تەمىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

داككادىكى ئەنگلىيە ئالىي كومىسسارلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، لاگېرلاردا ۋە لاگېرلارنىڭ ئەتراپىدا ئوتۇنغا بېقىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتىشنى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش شەرت-شارائىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان مەزكۇر پىلان، ئاجىز ئەھۋالدىكى مۇساپىر ئائىلىلەرنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى (LPG) غا ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Bangladesh, WFP push for more funding to aid 1.3 million Rohingya refugees

باڭلادېش ھازىرقى ۋاقىتتا، كۆپىنچىسى 2017-يىلى مىيانمارنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن قاچقان 1.3 مىليوندىن ئارتۇق روھىڭيالىق مۇساپىرغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا. تەخمىنەن توققۇز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق مۇساپىر قايتىپ كەتمىدى ۋە رايونغا قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تېزلىكتە ئازايماقتا.

ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى روھىڭياغا قىلىنغان ياردەملەردە تەخمىنەن 190 مىليون دوللارلىق بىر مەبلەغ بوشلۇقى (يېتىشمەسلىك) بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. بۇ مىقدارنىڭ 172 مىليون دوللىرى ئاساسىي ئاشلىق ۋە ئوزۇقلۇق ياردىمى ئۈچۈن زۆرۈر.

مەزكۇر ئورگان جىددىي ياردەم تەمىنلەنمىگەن تەقدىردە، ئاشلىق ياردەملىرىنىڭ 2026-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن باشلاپ ئېغىر دەرىجىدە توختاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى