يەرشارى ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىزلىقلارغا قارىماي، تۈركىيە ئىقتىسادى يۈكسەلمەكتە
ئىقتىساد
4 مىنۇت ئوقۇش
يەرشارى ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىزلىقلارغا قارىماي، تۈركىيە ئىقتىسادى يۈكسەلمەكتەتۈركىيە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى، ئىقتىسادىي بەرداشلىقى، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنمىلىرى ۋە كۆپ خىللاشقان سودا مۇناسىۋىتى بىلەن 2025-يىلى مۇقىملىقنى ساقلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكتە.
/ AA

دۇنيا مىقياسىدىكى ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىقلارغا قارىماي، تۈركىيە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى، ئىقتىسادىي بەرداشلىقى، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنمىلىرى ۋە كۆپ خىللاشقان سودا مۇناسىۋىتى بىلەن 2025-يىلى مۇقىملىقنى ساقلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشمەكتە.

دۇنيا ئىقتىسادىدا ئېنىقسىزلىقلار كۈچىيىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، تۈركىيە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقماقتا. دۇنيا بانكىسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سودا توسالغۇلىرى ۋە گېئوپولىتىكىلىق جىددىيلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ 2025-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GSYİH) نىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى %2.6 تىن %3.1 گە كۆتۈردى. بۇ ئۆزگىرىش تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ چىدامچانلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنچنى نامايان قىلىدۇ.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ جانلىق دۆلەت ئىچى بازىرى، ئىستراتېگىيەلىك سېلىنمىلىرى ۋە كۆپ خىللاشقان سودا مۇناسىۋىتى پارلاق ئىستىقبالغا يول ئاچماقتا. ئەنقەرە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى بارىش ئالپاسلان تۈركىيەنىڭ بۇ ئىجابىي ئىقتىسادىي ئىستىقبالىنى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر قاتار ئاقىلانە تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.

ئالپاسلان TRT World قانىلىغا «تۈركىيە تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش، خەلقئارالىق زاپاس پۇلنى كۆپەيتىش ۋە خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى» دېدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ئىمپورتنى ئازايتىپ، ئېكسپورت ۋە ساياھەت كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنى (يەنى ئىمپورت خىراجىتىنىڭ ئېكسپورت كىرىمىدىن ئېشىپ كېتىشىنى) ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭچە، بۇ مۇقىملىق چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيەنى «بىخەتەر پورت» دەپ قارىشىغا تۈرتكە بولغان.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىنى پارلاقلاشتۇرغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل – كۈچلۈك دۆلەت ئىچى ئىستېمالىدۇر. ئالپاسلاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنياۋى خىرىسلارغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ئىستېمالى يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپ، «ياش نوپۇسنىڭ تۈرتكىسىدە داۋاملىق كۈچىيىدىكەن.»

بۇنى ئىستانبۇل ياكى ئەنقەرەدىكى جانلىق بازارلاردا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: ياش ئائىلىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولماقتا. پارچە سېتىشتىن تۇرالغۇغىچە بولغان بۇ ئۈزلۈكسىز ئېھتىياج، دۇنياۋى ئېھتىياج ئاستىلىغان تەقدىردىمۇ، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تىرەك كۈچى بولۇپ قالىدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئالپاسلان مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق ئاساسىي مۇئەسسەسە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ. بۇ تۈرلەر ئىش ئورنى يارىتىش بىلەن بىرگە، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمدارلىقنىمۇ ئاشۇرىدۇ.»

كۆپ خىللاشقان سانائەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ رولى

تۈركىيەنىڭ كۆپ خىللاشقان سانائىتىمۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئالپاسلاننىڭ دېيىشىچە، تۈركىيە ئىقتىسادى «ئاپتوموبىل، ئېلېكترون، توقۇمىچىلىق ۋە قۇرۇلۇش» قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىن ئوزۇقلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خۇددى بىر ساھەدە قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، يەنە بىر ساھە ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، ئىقتىسادنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر سىستېمىغا ئوخشايدۇ.

ساياھەتچىلىكمۇ تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى مۇھىم بىر ساھە. ئالپاسلان: «خەلقئارالىق زىيارەتچىلەر سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك تاشقى پېرېۋوت كىرىمى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاپ، ئۆزىنىڭ بەرداشلىق كۈچىنى ئىسپاتلىدى» دەيدۇ.

ئەنقەرە يىلدىرىم بايازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مۇرات ئاسلانمۇ بۇ ئۈمىدۋارلىقنى ئورتاقلىشىپ، تۈركىيەنىڭ مۇنتىزم ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ قارايدۇ.

ئۇ: «(خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى) مەھمەت شىمشەك يولغا قويغان پىروگرامما، ئېھتىياجنى تىزگىنلەش ۋە پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ» دېدى. بۇ خۇددى قايناپ تېشىش ئالدىدا تۇرغان قازاننىڭ ئاستىدىكى ئوتنى پەسەيتىپ، تېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغاندەك بىر ئىش. يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمالنى ئاستىلىتىپ، باھانىڭ مۇقىملىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

ئاسلان يەنە 2025-يىلى ھەم شەخسلەر ھەم ھۆكۈمەت خىراجىتىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ساھەسىنى جانلاندۇرۇپ، نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

كىرىمنىڭ ئېشىشى ۋە ئېكسپورتتىكى بۆسۈشلەر

2025-يىلى 1-ئايدا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ %30 ئۆستۈرۈلۈشى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئاسلان: «بۇ ئەھۋال ئائىلىلەرنىڭ ھەقىقىي كىرىمى ۋە ئىستېمال كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى» دەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى، بولۇپمۇ ھەربىي سانائەت ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى بۆسۈشلىرى ئىقتىسادقا زور ھەسسە قوشماقتا. ئاسلاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورتى 2025-يىلى 3-ئايدا ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %147 ئېشىپ, 884 مىليون دوللارغا يەتكەن.

دۇنياۋى خىرىسلار ۋە تۈركىيەنىڭ ئەۋزەللىكى

گەرچە ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى قاتارلىق دۇنياۋى سودا خىرىسلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيەنىڭ بۇ ئەھۋالغا ماسلىشىش ئۈچۈن ياخشى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئالپاسلان تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، زامانىۋىلاشتۇرۇلۇۋاتقان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى تاموژنا بىرلىكىنىڭمۇ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاسلان تۈركىيەنىڭ گېئوئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئۆزگىچە بىر ئەۋزەللىك دەپ قارايدۇ. ئۇ: «تۈركىيە ياۋروپاغا يېتىپ بارىدىغان خىتاي ماللىرى ئۈچۈن ھالقىلىق بىر كۆۋرۈك رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئۆزىنىڭ بۇ ئورۇن ئەۋزەللىكىنى سۆھبەت ئۈستىلىدە مۇھىم كوزىر قىلىپ، تېخىمۇ پايدىلىق سودا كېلىشىملىرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ» دەپ خۇلاسىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Turkish finance minister signals stability in economy

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى