خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
قانۇنلۇق يەمەن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئارمىيە: «بۇ ھۇجۇمنى "پۈتۈن ئارمىيەگە قىلىنغان" دەپ باھالايمىز» دېدى.
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»

يەمەن ئارمىيەسى، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلارنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ئەلمۇخا شەھىرى ۋە پورتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 4 ئەسكەر بىلەن 3 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپىنچىسى پۇقرا بولغان 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارمىيە باياناتچىسى پولكوۋنىك ماجىد ئەننۇزەيلى، خۇسىيلارنىڭ 9-ئاۋغۇستتا ئەلمۇخا شەھىرى ۋە پورتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇزەيلى ھۇجۇملاردا پۇقراۋى ئاھالىلەر رايونى، ئۇل-ئەسلىھەلەر، ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرى ۋە شەھەر ئىچىدىكى بەزى پۇقراۋى نۇقتىلاردىن باشقا، ھەربىي بازىلارنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۇجۇمنى «خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك ھوقۇقىنى ئاشكارا دەپىسەندە قىلىش» دەپ باھالىغان نۇزەيلى، 4 ئەسكەر بىلەن 3 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپىنچىسى پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خۇسىيلارغا تەۋە 11 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى

يارىدارلاردىن كۆپىنچىسىنىڭ داۋالىنىشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇزەيلى، ئەلمۇخادىكى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ، خۇسىيلارغا تەۋە 11 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۇزەيلى يەمەن ئارمىيەسىنىڭ ئەلمۇخادىكى قىسىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى «پۈتۈن ئارمىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ باھالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يەمەن قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «بىر ئورتاق قوماندانلىق، باشقۇرۇش ۋە ھەربىي قارار چىقىرىش ئالاھىدە ئورگىنى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دۆلەتلىك ھەربىي ئاپپارات» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن نۇزەيلى، بۇ خىل ھۇجۇملارغا بۇ دائىرىدە ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇزەيلى يەمەن ئارمىيەسىنىڭ «تەھدىت مەنبەلىرىنى يوقۇتۇپ ئۈنۈمسىز ھالەتكە ئېلىپ كېلىش» ئۈچۈن كېرەكلىك ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى توسۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەن ئارمىيەسىنىڭ بارلىق فرونتلاردا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن نۇزەيلى، خۇسىيلار پەيدا قىلغان تەھدىتىنىڭ ۋە «ئىران لايىھەسىنىڭ» ئاخىرلاشتۇرۇلىشى بىلەن يەمەندە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قايتىدىن تىكلىنىشى نىشانلىرىغا يېتىدىغانلىقىنى قايتىدىن تەكرارلىدى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى