خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ساقچى يارىلاندى
ساقچى تەرەپنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە، ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
پاكىستاندا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ساقچى يارىلاندى
پاكىستاندا ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 28 ساقچى يارىلاندى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخىۋا ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 9 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 28 ساقچىنىڭ يارىلاندىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Dawn گېزىتىنىڭ ساقچى دائىرىلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن خەيبەر پاختونخىۋانىڭ ھانگۇ رايونىدىكى ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىنغان.

پاكىستان تالىبانى (TTP) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 9 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 28 ساقچى يارىلانغان.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان.

پاكىستاننىڭ  تېررورىزم مەسىلىسى

پاكىستاندىكى قوراللىق ھۇجۇملار بولۇپمۇ ئافغانىستان بىلەن چېگراداش بولغان خەيبەر پاختونخىۋا ۋە بەلۇجىستان ئۆلكىلىرىدە ئەۋج ئالماقتا.

ھەر ئىككى ئۆلكىدە پەشتۇن ۋە بەلۇچ مىللىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قوراللىق گۇرۇھلار، پاكىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالارغا قارىتا ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا.

ئىسلامئاباد پاكىستان تالىبانىنىڭ ئافغانىستاندا بازا قۇرغانلىقىنى ۋە ھۇجۇملارنى شۇ يەردىن تۇرۇپ تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، ئافغانىستان ھاكىمىيىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.

بەلۇجىستاندا بولسا «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» نىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا. بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پاكىستاندىن مۇستەقىل بولۇشىنى ۋە بۇ رايوننى بەلۇچ خەلقىنىڭ باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ