ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ نەشرىياتچىلار ۋە يۇتىيۇب مەزمۇنلىرىنى رۇخسەتسىز ۋە ھەق تۆلىمەستىن، ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى گوگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇماتىنى تەكشۈرىدۇ / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گوگۇل شىركىتىنىڭ تاراتقۇلار ۋە باشقا نەشرىياتچىلار تەرىپىدىن توردا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق ھەق تۆلىمەستىن سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمەتلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەنلىكىنى بېكىتىش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا كومىتېتى بۇ تەكشۈرۈشنىڭ، ئامېرىكا تېخنىكا ماگناتىنىڭ نەشرىياتچىلار ۋە مەزمۇن ئىجادچىلىرىغا ئادالەتسىز شەرتلەرنى تاڭغانلىقى ياكى ئۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىمتىيازلىق ئېرىشىش ئارقىلىق رىقابەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى تېرېسا رىبېرا (Teresa Ribera) مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا: «ئەركىن ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت، كۆپ خىل تاراتقۇ، ئۇچۇرغا ئوچۇق ئېرىشىش ۋە جانلىق ئىجادىيەت مۇھىتى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «سۈنئىي ئەقىل، پۈتكۈل ياۋروپادا كىشىلەرگە ۋە كارخانىلارغا پەۋقۇلئاددە يېڭىلىقلار ۋە نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما بۇ تەرەققىيات جەمئىيەتلىرىمىزنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بەدىلىگە كەلمەسلىكى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەتنى تەرتىپكە سالغۇچى ئورگىنى بولغان كومىتېت، تەكشۈرۈشنىڭ ئىككى نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەكشۈرۈش، گوگۇلنىڭ يۇتىيۇبدىكى سىن ۋە قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپچىقارغان مەزمۇن ئىگىلىرىگە تېگىشلىك ھەقلەرنى تۆلىمەستىن ۋە مەزمۇنلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىشىنى رەت قىلىش ئىمكانىيىتى بەرمەستىن، مەزكۇر سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ.

كومىتېت باياناتىدا: «گوگۇل يۇتىيۇب مەزمۇن ئىجادچىلىرىغا مەزمۇنلىرى ئۈچۈن ھەق تۆلىمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى يۇتىيۇبغا يوللىشىغا رۇخسەت قىلغىنى بىلەن، گوگۇلنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىشىنى چەكلەش ھوقۇقىنى بەرمەيدۇ» دېيىلدى.

«شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رىقابەتچى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئاچقۇچىلىرى يۇتىيۇبنىڭ سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئۆزلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن يۇتىيۇب مەزمۇنلىرىنى ئىشلىتىشتىن چەكلىنىدۇ.»

بۇ تەكشۈرۈش يەنە، شىركەتنىڭ گېزىت تور بەتلىرىگە ئوخشاش باشقا تور مەنبەلىرىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئوخشاشلا ھەق تۆلەش ياكى رەت قىلىش ئىمكانىيىتى بەرمەستىن، ئىجادىي سۈنئىي ئەقىل ئاساسىدىكى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ.

تەكشۈرۈش، خۇسۇسەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىزدەش سوئالىغا جاۋابەن كۆرۈنىدىغان سۈنئىي ئەقىل خۇلاسىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان سۆھبەت بوتى (Chatbot) غا ئوخشايدىغان بىر ئىزدەش تاللانمىسى بولغان «AI Mode» غا چېتىلىدۇ.

رىبېرا يەنە: «بىز گوگۇلنىڭ نەشرىياتچىلار ۋە مەزمۇن ئىجادچىلىرىغا ئادالەتسىز شەرتلەرنى تاڭغان-تاڭمىغانلىقىنى، رىقابەتچى سۈنئىي ئەقىل مودېلى ئاچقۇچىلىرىنى زىيانلىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان-قويمىغانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابەت قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى.

كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈشنى تاماملاش ئۈچۈن بېكىتكەن ئېنىق بىر ئاخىرقى مۇددىتى يوق بولۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ باشلىنىشى نەتىجىنىڭ ئالدىن بېكىتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەمما شىركەتنىڭ ئېغىر جەرىمانىگە دۇچ كېلىش خەۋپى بار.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ