خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئايلاردىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى مىقياسىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە
دېموكراتچى پالاتا ئەزالىرى، ترامپ ھۆكۈمىتىدىن زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئۆلۈمچۈل ھۇجۇملارنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى چۈشەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئايلاردىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى مىقياسىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە
ئامېرىكا ئايلاردىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى مىقياسىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە / Reuters

ئامېرىكا ئارمىيەسى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 21 كېمىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەردە جەمئىي 83 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسىلىرىدىن 13 ۋەكىل دۈشەنبە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇن مەسلىھەت ئىشخانىسىنىڭ كارىب دېڭىزى ۋە شەرقىي تىنچ ئوكياندا گۇمانلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان كېمىلەرگە قارىتىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك يازما پىكىرنامىسىنى مەخپىيەتلىكتىن چىقىرىپ ئاممىغا ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پالات ئەزالىرى باش تەپتىش پام بوندى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى پىتې ھېگسېتقا يازغان مەكتۇبىدا، ئۆلۈمچۈل كۈچ ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەكتۇپتا، ھەممىسى پالاتا قوراللىق مۇلازىمەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان پارلامېنت ئەزالىرى: «ئۆلۈمچۈل كۈچ ئىشلىتىش بىر دېموكراتىيە ئۈچۈن نەتىجىلىرى جەھەتتىن ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان دەرىجىدە مۇھىم بىر قاراردۇر،» دەپ يازدى.

پارلامېنت ئەزالىرى تەلەپ خەتلىرىدە يەنە: «شۇڭا بۇ مۇھىم ھۆججەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ بىكار قىلىنىپ ئاممىغا ئېلان قىلىنىشىنىڭ، دۆلىتىمىز ئارمىيەسىنىڭ ئۆلۈمچۈل كۈچ ئىشلىتىشىدە ئاشكارىلىقنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋە پارلامېنت بىلەن ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ ھۇجۇملارنى قوللايدىغان قانۇنىي ئاساسى ھەققىدە تولۇق خەۋەردار قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

«زەھەر تېررورچىلىرى»

ئامېرىكا ئارمىيەسى، ھازىرغىچە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان كېمىلەرگە قارىتا 21 قېتىم ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ناركوتىك تېررورچىلار» دەپ ئاتىغان كەم دېگەندە 83 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىنقى ھۇجۇملاردىن «ئىنتايىن مەمنۇن» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لېۋىت مۇخبىرلارغا بۇ ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئايلاردىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى مىقياسىدا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتمەكتە. ئايلاپ داۋاملاشقان يۆتكىلىشلەر نەتىجىسىدە رايوندا دېڭىز پىيادىلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى، ئۇرۇش ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن تەركىب تاپقان مۇھىم بىر كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ ئىلگىرلەشلەر، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا ھۇجۇم باشلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەرگە يول ئاچتى. ئەمما ترامپ جۈمە كۈنى يېقىندا ۋېنېزۇئېلا رەھبىرى نىكولاس مادۇرو بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 مادۇرو بولسا، ۋېنېزۇئېلانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن «يۈزمۇ-يۈز» دىئالوگقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US strikes alleged drug-carrying vessels in Pacific, killing six
ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى