خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
«غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار، سۈكۈت قىلمايمىز» دەپ شوئار توۋلىغان نامايىشچىلار فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

«EuroPalestine»  جەمئىيىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن پەلەستىننىڭ قوللىغۇچىلىرى پارىژدىكى چاتىلې مەيدانىدا جەم بولدى.

قوللىرىدا «ئىسرائىلىيەنى بايقوت قىل»، «پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن ئەركىنلىك» دەپ يېزىلغان تاختايلار ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار پايتەختتىكى بوجا مەيدانى تەرەپكە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

«غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار، سۈكۈت قىلمايمىز» دەپ شوئار توۋلىغان نامايىشچىلار فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

پەلەستىنگە بولغان قوللىشىنى ئىپادىلىگەن نامايىشچىلار غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا تەۋە فوتو-سۈرەتلەرنىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىشى ۋە رايون خەلقىنى مەجبۇرىي يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە