ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تېكنوفېست مۇدىرىيەت رەئىسى بايراقتار: ئىلغار تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل يېڭى دۇنيانىڭ ئاچقۇچى
سەلچۇق بايراقتار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاقدېڭىزنىڭ يۈرىكىدە تېخنولوگىيە ۋە ئىلىم-پەن مەركىزى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تېكنوفېست مۇدىرىيەت رەئىسى بايراقتار: ئىلغار تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىل يېڭى دۇنيانىڭ ئاچقۇچى
/ AA
2025-يىلى5-ئاينىڭ2-كۈنى

تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنولوگىيە ھەرىكىتى گۇرۇھى تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى) نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى سەلچۇق بايراقتار ئىلغار تېخنولوگىيە ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ يېڭى دۇنيانىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە سۈنئىي ئەقىلنى توغرا نىشان ۋە ئەخلاقىي قىممەتلەر بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرگەندە ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سەلچۇق بايراقتار  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ لەفكوشادىكى كونا ئەرجان ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېكنوفېست فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئاساسىدىكى تەلىم - تەربىيە پۇرسىتى ۋە كۈندىلىك ھاياتنى قولايلاشتۇرىدىغان سان – ساناقسىز پۇرسەتلەر ئارقىلىق تۈرلۈك يېڭىلىقلارنى يارىتىشقا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

 بايراقتار دۇنيانىڭ قورقۇنچلۇق ۋە زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇققا ئىتتىرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەتراپىمىزدا ئىنسانىيەتكە قارشى چوڭ جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىنماقتا. غەززەدە بالىلار بومباردىمان قىلىنماقتا.

بۇ قاراڭغۇلۇقنى پەقەت ھەقىقەتنىڭ نۇرى بىلەنلا يوق قىلغىلى بولىدۇ. تېخنولوگىيە پەقەت ئادالەت ۋە مېھىر - شەپقەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغان بىر دۇنيا بەرپا قىلىنىشى كېرەك.»

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىلىقمۇ توختالغان بايراقتار، بۇ دۆلەتنىڭ پەقەت تارىخىي كۈرەشلەرنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭمۇ سىمۋولى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئاقدېڭىزنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخنولوگىيە ۋە ئىلىم-پەن ئۈچۈن دۇنياۋى جەلپ قىلىش مەركىزى بولۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 بايراقتار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەقەت دەم ئېلىش – ساياھەت ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈنمۇ زىيارەت قىلىنىدىغان جاي بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى. 

سەلچۇق بايراقتار شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يېڭى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش شەك – شۈبھىسىز ھالدا بۇ يەردە تەرەققىي قىلىشى، دۇنيادا ئىز قالدۇرىدىغان تۈرلەر چوقۇم بۇ يەردىن چىقىشى كېرەك.» 

 «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تىنچلىق ئارىلى بولۇپ، ئاقدېڭىزدىكى تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ كاپالىتىدۇر» 

 تۈرك تېخنولوگىيە فوندى جەمئىيىتى (T3) بىلەن تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تېكنوفېست فېستىۋالى، 2018-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى ئونلارچە دۆلەت ئورگىنى، خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى تېكنوفېست فېستىۋالى پائالىيىتىنىڭ دۇنياۋى ئالاقە شېرىكى سۈپىتىدە مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېكنوفېست فېستىۋالى جۈپ يىللاردا تۈركىيەنىڭ ھەر خىل شەھەرلىرىدە، تاق يىللاردا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئەزەربەيجاندىن قالسا تېكنوفېست فېستىۋالىغا ساھىبخانىلىق قىلغان تۈركىيە سىرتىدىكى ئىككىنچى دۆلەت بولدى. 

 2024-يىلى تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئادانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋال تەخمىنەن 1 مىليون 100 مىڭ زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغانىدى. 

 يېڭىلىق ئارىلى 

تۈركىيە سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىرمۇ فېستىۋالدا قىلغان سۆزىدە، ھەممە تەرەپلەر بىر گەۋدە ھالىتىدە ھەمكارلاشقان تەقدىردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادچانلىق ئارىلىغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ۋە مىسلىسىز گۈزەللىكلەرنى باغرىغا بېسىپ ياتقان بۇ بىباھا زېمىن پۈتكۈل دۇنياغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تېخنولوگىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ يېگانە مەنزىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ فېستىۋالدا بىز ئۇيۇشتۇرغان ئالتە مۇسابىقىگە قاتناشقان 47 مىڭ ياشنىڭ تولۇپ تاشقان چەكسىز ھاياجىنى پارلاق كېلەچەكنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. بىز بۇ چەكسىز ھاياجاننىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمىز.»

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىنىڭ رەئىسى خالۇق گۆرگۈن مۇنداق دېدى:

«بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە چەت ئەلگە بېقىندى بولۇپ قېلىشنىڭ قانچىلىك ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بىر دۆلەتمىز.

تېكنوفېست فېستىۋالى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كەشپىيات سۇپىسىغا ئايلاندى. تېكنوفېست فېستىۋالى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى بولغان ياشلىرىمىزنى بايقاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ۋە ئوينىماقتا.»

 

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى