خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى بۈگۈن تۈرمىگە كىرىدۇ
فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نكولاس ساركوزى 2007-يىللىق سايلام پائالىيىتىنى لىۋىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنسىز مەبلەغلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ساركوزى بۈگۈن «لا سانتې» تۈرمىسىگە قامىلىدۇ.
فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى بۈگۈن تۈرمىگە كىرىدۇ
فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى بۈگۈن تۈرمىگە كىرىدۇ / Reuters

فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى 2007-يىللىق سايلام پائالىيىتىگە لىۋىيەدىن مەبلەغ ئېلىش ئۈچۈن،  بىر جىنايى سۇيىقەستكە شېرىك بولغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن قاماق جازاسىنى ئۆتەش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى تۈرمىگە كىرىدۇ.

ھازىرقى زامان فىرانسىيە تارىخىدا تۈرمىگە كىرگەن تۇنجى سابىق پىرېزىدېنت رەئىس بولغان ساركوزى، هەم جازا ھۆكۈمىگە، هەم سوتچىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سوتى جەريانىنى كۈتمەيلا تۈرمىگە تاشلاش ھۆكۈمىگە ئېتىراز بىلدۈردى.

ساركوزىنىڭ ئېلىزې سارىيىدىن پارىژدىكى مەشھۇر «لا سانتې» تۈرمىسىگىچە بولغان سەپىرى پۈتكۈل فىرانسىيەنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، ساركوزىنىڭ ئوغۇللىرىدىن لۇئىس دادىسىنى قوللاش مەقسىتىدە ساركوزىنىڭ رەپىقىسى كارلا بىرۇنى-ساركوزى بىلەن بىللە تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك پارىژ رايونىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

مودېللىق ھاياتىدىن كېيىن ناخشىچىلىققا يۈزلەنگەن كارلا بىرۇنى-ساركوزى، جازا ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا ساركوزىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ۋە ھەرخىل ناخشىلارنى ھەمبەھرىلىدى.

قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون ئۆتكەن ھەپتە كونسېرۋاتىپ سىياسەتچى ساركوزىنى پىرېزىدېنت سارىيىدا كۈتۈۋالغان ئىدى.

ماكرون دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا ئاممىغا ئېلان قىلغان باياناتلىرىمدا ھەر ۋاقىت ئېنىق پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدىم، ئەمما بۇ ئەھۋالدا، ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرىنى سارايدا كۈتۈۋېلىش ئىنسانىي بىر ھەرىكەت ئىدى».

ساركوزى «لې فىگارو» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن باشقا مەھبۇسلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، يەككە كامېرغا سولىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر ئېھتىماللىق بولسا، ئۇنىڭ تۈرمىنىڭ ئاۋام ئارىسىدا «مۇھىم شەخسلەر بۆلۈمى» دەپ ئاتالغان «ئاجىز» مەھبۇسلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بۆلۈمىدە تۇتۇلۇشى ئىكەن.

ساركوزى «لا ترىبۇنە دىمانچې» گېزىتىگە: «مەن تۈرمىدىن قورقمايمەن. ھەتتا ‹لا سانتې› نىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىمۇ بېشىمنى تىك تۇتىمەن. ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن» دېدى.

«لا ترىبۇنە دىمانچې» گېزىتى، ساركوزىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنغان 10 دانە ئائىلە سۈرىتى بار تۈرمە سومكىسىنى تەييارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ساركوزى يەنە «لې فىگارو» گېزىتىگە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئۈچ كىتابنى ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالېكساندىر دۇمانىڭ «مونتې كرىستو گىرافى» ناملىق ئەسىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ كىتابنىڭ باش قەھرىمانى بىر ئارال تۈرمىسىدىن قېچىپ، ئۆچ ئېلىش يولىغا ئاتلىنىدۇ.

پارىژ سوتچىسى، «جىنايەتنىڭ جامائەت تەرتىپىگە سالغان ئېغىر زىيىنى» سەۋەبىدىن، ساركوزىنىڭ نارازىلىق ئەرزى سوتى جەريانىنى كۈتمەيلا تۈرمە جازاسىنى ئۆتەشكە باشلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.

ھۆكۈمگە ئاساسلانغاندا، 70 ياشلىق ساركوزى پەقەت تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنلا نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى قويۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلالايدۇ، سوتچىلار بەلگىلىمە بويىچە، بۇ ئىلتىماسنى ئىككى ئاي  ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى