ئىران ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەكلىپنى رەت قىلغانلىقىغا قارىماي، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قاتناشقا ئېچىلىشىغا ئائىت شەرتلىرىدىكى قەتئىيلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ تەلەپلىرىدىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاراقچى، شەرتلەر ئارىسىدا رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئايلار بۇرۇن بىكار بولۇپ كەتكەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدىكى ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئاراقچى: «شەرتلىرىمىز ئېنىقتۇر ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغا قارىتىلغان ھەر قانداق بىر قەدەم بۇ شەرتلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا باغلىقتۇر. بىز بۇلاردىن باشقىسىغا يول قويمايمىز. دىپلوماتىيە ياكى مۇزاكىرە ئىشىكىنى ھېچقاچان تاقىمىدۇق، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىمىزدىنمۇ ھەرگىز ۋاز كەچمىدۇق» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
قاتار ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن 7 شەرت
ئىراننىڭ قاتار ئارقىلىق ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەن تەكلىپى، شەرتلەر قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە بوغۇزنىڭ 7 كۈن ئىچىدە قايتىدىن قاتناشقا ئېچىلىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. تېھراننىڭ تەلەپلىرى ئارىسىدا لىۋاندىكى توقۇنۇشلار ۋە يەمەندىكى دۈشمەنلەرچە قىلمىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش، توڭلىتىپ قويۇلغان ئىران مەبلىغىنى قويۇپ بېرىش، ئىران نېفىتىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ دېڭىز قورشاۋىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بولسا شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، كېلىشىمگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سۇنۇلغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ترامپ: «ئېغىر تالاپەتلەرنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن بوغۇزنى دەرھال ئاچىدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ. ئۇلار بىر كېلىشىمگە كېلىشنى خالايدۇ، بۇنى چۈشىنىش بىلەن كۈتۈۋالىمەن. مەنمۇ كېلىشىم تۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن ئىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى ترامپنىڭ دەسلەپكى جاۋابىنى كۆرگەنلىكىنى، ئەمما مۇرەسسەچىلەر قانىلى ئارقىلىق رەسمىي باياناتنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مۇرەسسەچىلەرنىڭ ئېنىق پوزىتسىيەلەرنى بىزگە يەتكۈزۈشىنى كۈتۈۋاتىمىز، قارارىمىزنى شۇنىڭغا ئاساسەن چىقىرىمىز. تاللاش ئەمدى ئامېرىكاغا ئائىت. ئىران بېسىم، تەھدىت ياكى قورقۇتۇشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى.
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ باياناتچىسى ھۈسەيىن مۇھىبىمۇ تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئىراننىڭ 7 شەرتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە ئامېرىكانى جازالاشتىن ۋاز كەچمەيمىز» دەپ، تېھراننىڭ قەتئىي پوزىتسىيەسىنى تەكىتلىدى.
ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پىزىشكىيان بولسا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا: «ئىران مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن ئايرىلمىدى، ئەمما ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكاغا ئەمدى ئىشەنمەيدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
بۇزۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە كەسكىنلەشكەن جىددىيچىلىك
دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىناتى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھورمۇز بوغۇزى، ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن يەتتە ئاي ئىلگىرى ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇملار بىلەن باشلانغان توقۇنۇشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلاندى. تەرەپلەر ئىيۇن ئېيىدا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، بوغۇزنى ئېچىش ۋە يادرو پىروگراممىسىغا ئالاقىدار سۆھبەتلەرنى باشلاش مەقسىتىدە بىر چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان، ئەمما ئىراننىڭ تەستىقلانغان يۆنىلىشتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا كېمىلىرىگە ئوق چىقىرىشى بىلەن كېلىشىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكار بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ئىران خەۋپسىزلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى سەۋەبىدىن كېمىلەرنىڭ بوغۇزدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى رۇخسەت ئېلىشىنى شەرت قىلماقتا. رىئايە قىلمىغان كېمىلەر نىشانغا ئېلىنىۋاتقان بولسا، ئامېرىكا بولسا ئۆچ ئېلىش يۈزىسىدىن ئىراننىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە روسىيەنىڭ ب د ت دىكى باياناتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرھان ئال سەئۇد، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھورمۇز بوغۇزى ۋە بابۇلمەندەبنى ئوچۇق تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئال سەئۇد: «سەئۇدى ئەرەبىستان، بۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆتكەللەرنىڭ ھەر قانداق بىر تەرەپ تەرىپىدىن بېسىم، تەھدىت ياكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى رەت قىلىدۇ» دېدى.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا موسكۋانىڭ رايوندا مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «روسىيە باشقا مەسئۇلىيەتچان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن مۇھىم رايوننىڭ مۇقىملىشىشىغا ئىجادىي تۆھپە قوشۇشقا تەييار» دېدى.






















