خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيەدە يۈز بەرگەن بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ماسلاشتۇرۇلغان ھۇجۇملار بىلەن كالى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بازارلارغا زەربە بېرىلاى؛ زوراۋانلىقنىڭ بارغانچە ئەۋجىگە چىقىشى ئەندىشىلەرنى كۈچەيمەكتە.
كولومبىيەدە يۈز بەرگەن بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
كولومبىيەدە يۈز بەرگەن بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

كولومبىيە دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدا كەم دېگەندە يەتتە كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە 28 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە كۈنسېرى ئەۋ ئېلىۋاتقان بىخەتەرلىك كىرىزىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان 24 قېتىملىق ماسلاشتۇرۇلغان بومبىلىق ۋە قوراللىق ھۇجۇم بىلەن تەۋرەپ كەتتى.

كولومبىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى بولغان كالى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن بىر قانچە بازارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملاردا ساقچىخانىلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ۋە پۇقرالار رايونلىرى زەربىگە ئۇچرىدى.

ساقچى باشلىقى كارلوس فېرناندو ترىئانا سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەرلىك بىر قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا دەپ گۇمان قىلىنغان ھۇجۇمچىلارنىڭ بومبا ئورنىتىلغان ئاپتوموبىل بومبا ئورنىتىلغان موتسىكلىت، مىلتىق ۋە گۇمانلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ئىككى ساقچى ۋە نۇرغۇنلىغان پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ھۇجۇملارنىڭ بوگوتادا بىر پىرېزىدېنت نامزاتىغا قارىتىلغان ۋە مەغلۇپ بولغان سۇيىقەست ئۇرۇنۇشىدىن بىر نەچچە كۈن كېيىن يۈز بېرىشى جىددىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. نۇرغۇن كولومبىيەلىكلەر 1980- ۋە 1990-يىللاردىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى گۇرۇپپىلىرىنىڭ بومبا ھۇجۇمى ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن زوراۋانلىق مۇھىتىغا قايتىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەكتە.

كالى، ۋىللا رىكا، گۇئاچىنتې ۋە كورىنتو قاتارلىق جايلاردا مۇخبىرلار ئاپتوموبىل قالدۇقلىرى ۋە بۇزۇلغان بىنالارنى كۆردى. كورىنتودا ياشايدىغان لۇز ئامپارو ناۋايخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتتى.

 لۇز ئامپارو  <AFP> ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «يەر تەۋرىدى دەپ ئويلىدۇق. يولدىشىم ‹ياق، ئۇلار ئوق چىقىرىۋاتىدۇ› دېدى» دېدى.

ساقچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھۇجۇمنىڭ سابىق FARC قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆكتىچى گۇرۇھى بولغان مەركىزىي باش ئىشتاب (EMC) تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىدىن ئېلىزابېت دىكىنسون بۇنى «ئالاھىدە ياخشى ماسلاشتۇرۇلغان بىر ھۇجۇم» دەپ تەرىپلەپ، بۇنىڭ گۇرۇپپىنىڭ كۈچىيىۋاتقان ھەرىكەت ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

پىرېزىدېنت گۇستاۋو پېترونىڭ EMC بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تىرىشچانلىقى قايتا-قايتا مەغلۇپ بولدى. ئانالىزچىلار، گۇرۇپپىنىڭ «ئىۋان موردىسكو» دەپ ئاتالغان رەھبىرىنى يارىلاندۇرغان ياكى ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بىر ھەربىي ھەرىكەتكە جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆتكەن ھەپتە بوگوتادا ئوققا تۇتۇلغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى مىگۇئېل ئۇرىبېغا سۇيقەست قىلماقچى بولغان 15 ياشلىق بىر بالا «گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈردى. پىرېزىدېنت پېترو ھۇجۇمنىڭ خەلقئارالىق بىر «مافىيە» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرىبې ئوققا تۇتۇلغان كۈنى بىخەتەرلىكىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز