پاپا بېيرۇتتىكى مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا بىرلىك چاقىرىقى قىلدى

پاپا 14-لېئو خۇش پېئىلسىزلىقنى رەت قىلىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىش چاقىرىقى قىلىپ، لىۋاندا ۋەھىمە ۋە گۇمانىي قاراشلارنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

By
پاپا بېيرۇتتىكى مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا بىرلىك چاقىرىقى قىلدى / AP

پاپا 14-لېئو ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، بىرلىكنى ساقلاش، ھەمكارلىق ئورنىتىش، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

پاپانىڭ 14-لېئونىڭ بۇ سۆزلىرى، دۈشەنبە كۈنى بېيرۇتنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن، لىۋاندىكى خىرىستىيان ۋە ئىسلام مەزھەپلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، شۇنداقلا Sistema Beirut Chants خورى، ئىسلام يېتىمخانىسى خورى ۋە ئىمام سەدر فوندى جەمئىيىتى مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئورۇنلىشىدا رەڭدار تۈس ئالغان، 300 دىن ئارتۇق دىنىي رەھبەر قاتناشقان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پاپا 14-لېئو مۇنداق دېدى:

«سىلەر تىنچلىق ئورناتقۇچى بولۇشقا چاقىرىلىۋاتىسىلەر: خۇش پېئىلسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشقا، زوراۋانلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈشكە، چەتكە قېقىشنى يوقىتىشقا ۋە ئادالەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولنى يورۇتۇشقا [چاقىرىلىۋاتىسىلەر].

بىللە ياشاش خۇددى يىراق بىر خىيالدەك كۆرۈنۈۋاتقان بىر دەۋردە، ئوخشىمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان لىۋان خەلقى ۋەھىمە، ئىشەنچسىزلىك ۋە گۇمانىي قاراشلارنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەسلىكىنى؛ بىرلىكنى ساقلاش، ھەمكارلىق ئورنىتىش، كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۈچلۈك ھالدا خاتىرىلەتمەكتە.»

نۇتۇقلار سۈريانىي كاتولىك پاترىكى ئىگناتىيۇس يوسېف III يۇناننىڭ رەسمىي ئېچىلىش نۇتىقى بىلەن باشلاندى؛ ئارقىدىن بىزانىس دىنىي يوسۇنلىرىغا ئاساسەن ئىنجىلدىن بىر ئۈزۈندە ئوقۇلدى ۋە قۇرئانى كەرىم تىلاۋەت قىلىندى.

خىرىستىيان دىنىي زاتلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، لىۋان مۇپتىسى شەيخ ئابدۇللاتىف دەريان پاپانى قارشى ئېلىپ، لىۋاننىڭ «بىر ئۇچۇر دۆلىتى، بۇ ئۇچۇرنىڭ توشۇغۇچىسى ۋە دۇنيا مىقياسىدا تىنچلىق بىلەن بىخەتەرلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئالىي ئىسلام شىئە كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شەيخ ئەلى ئەلخاتىب: «بىز قورال كۆتۈرۈشنى ياقتۇرمايمىز ۋە لىۋان دەۋاسىنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرىمىز؛ دۇنيانىڭ دۆلىتىمىزگە بىر چىقىش يولى تېپىشتا ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

دىنىي خىلمۇخىللىق

پائالىيەتتىن بۇرۇن، شىمالىي بېيرۇتتىكى ئەلچىلەرنىڭ دىنىي مۇراسىم مەركىزىدىن شەھەر مەركىزىدىكى شېھىتلەر مەيدانىغىچە سوزۇلغان يول بويىغا يىغىلغان كىشىلەر، پاپا 14-لېئونى رەسمىي كارۋىنى ئۆتۈۋاتقاندا سالاملاش ئۈچۈن توپلاندى.

يەكشەنبە كۈنى پاپا 14-لېئو ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيەدىن لىۋانغا يېتىپ باردى. پاپا تۈركىيەدىمۇ ئۈچ كۈن تۇرغان ئىدى.

لىۋاننىڭ دىنىي خىلمۇخىللىقى سىياسىي تۈزۈمىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. پىرېزىدېنتنىڭ ھەر ۋاقىت بىر مارونى خىرىستىيان، باش مىنىستىرنىڭ بىر سۈننىي مۇسۇلمان ۋە پارلامېنت رەئىسىنىڭ بىر شىئە مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك.