پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
1 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيە مەتبۇئاتى: تۈركىيەنىڭ زور كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ
گىرېتسىيەلىك يازغۇچى ياننىس مارىنوس تۈركىيەنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە گېئوسىياسىي جەھەتتىكى تېز تەرەققىياتىنىڭ رايوننىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلدى.
گىرېتسىيە مەتبۇئاتى: تۈركىيەنىڭ زور كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ
گىرېتسىيە مەتبۇئاتى: تۈركىيەنىڭ زور كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ

گىرېتسىيەنىڭ «To Vima» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تەھلىلدە يازغۇچى ياننىس مارىنوس (Yannis Marinos) تۈركىيەنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە گېئوسىياسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر رېئاللىقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قەدەملىرى بىلەن رايونلۇق زور كۈچكە ئايلانغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ يوققا چىقىرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماقالىدە تۈركىيەنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بۇ يىل 1 تىرىليون 600 مىليارد دوللارغا يېتىشى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىدىغانلىقى بايان قىلىندى. تۈركىيەنىڭ 2025-يىلىدىكى تاشقى سودا سوممىسى 635 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، سودىنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان. ھەربىي ساھەدە تۈركىيەنىڭ ناتودا ئامېرىكادىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەگە ئىگە ئىكەنلىكى، مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتىنىڭ بولسا ئاخىرقى بەش يىلدا ئۈچ ھەسسە ئاشقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

دىپلوماتىيە جەھەتتە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى ھاكىمىيەت، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان يېقىنلىشىشلىرىنىڭ ئىقتىسادقا بىۋاسىتە سېلىنما ئېلىپ كەلگەنلىكى تەكىتلەندى. شۇنداقلا ئىراق ۋە ئەربىل ھاكىمىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنىڭ نېفىت تىرانسپورتىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتقانلىقى، ئىران بىلەن بولغان تۆت ئەسىرلىك مۇقىم چېگرانىڭ بولسا رايونلۇق رىقابەتكە قارىماي بىر ئىشەنچ مۇھىتى ياراتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە