سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ستارمېر: ئامېرىكا ئىران راكېتالىرىغا قارشى ھۇجۇملار ئۈچۈن ئەنگلىيە بازىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كىئېر ستارمېر دۆلىتىنىڭ ئىراننىڭ رايون مىقياسىدىكى راكېتا ھۇجۇملىرىنى توسۇشقا قارىتىلغان ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ستارمېر: ئامېرىكا ئىران راكېتالىرىغا قارشى ھۇجۇملار ئۈچۈن ئەنگلىيە بازىلىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ
ئامېرىكا ئەنگلىيەدىكى بازىلىرىنى ئىرانغا راكىتا ھۇجۇمى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدۇ، دېدى ستارمېر. / AP

باش ۋەزىر ستارمېر يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، پارس قولتۇقى رايونىدا كۆپىيىپ  كەتكەن ئىران راكېتا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئامېرىكاغا ئەنگلىيە بازىلىرىنى «بەلگىلىك ۋە چەكلىك مۇداپىئە مەقسەتلىرى» ئۈچۈن ئىشلىتىش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ سۆزىدە: «ئىراننىڭ رايونغا راكېتا ئېتىشىنىڭ، بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشىنىڭ ۋە ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ستارمېر ئەنگلىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان بىۋاسىتە ھۇجۇملارغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، رايون ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يولنىڭ مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئايرىم بىر باياناتتا، ئىران تەھدىتىنى توسۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ راكېتالارنى مەنبەسىدە، ساقلاش ئورۇنلىرىدا ياكى قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىدا تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، پارس قولتۇقىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىرانغا قارشى «مۇداپىئە ھەرىكىتى»گە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ستارمېر رايوندا كەم دېگەندە 200 مىڭ ئەنگلىيە پۇقراسى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيەلىكلەرنى «دەرھال تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدىكى بىخەتەر جايلاردا پاناھلىنىش»نى تەۋسىيە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا