تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
پورتۇگالىيەلىك چولپان پۇتبولچى كرىستىيانو رونالدو (Cristiano Ronaldo) دۆلەت كوماندىسىدىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى
رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن خوشلاشتى.

رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدا قاتناشقان 234  مەيدان مۇسابىقىسى ۋە ۋاراتاغا كىرگۈزگەن 146 توپى بىلەن، دۇنيا بويىچە دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى سۈپىتىدە ئەڭ كۆپ مەيدانغا چۈشكەن ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەر پۇتبولچى رېكورتىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

41 ياشلىق پورتۇگالىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كرىستىيانو رونالدو ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دۆلەت كوماندىمىزنىڭ 7-نومۇرلۇق كۆڭلىكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى. بۇ كۆڭلەكنىڭ ھېچقاچان پەقەت ماڭىلا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىدىم. بىراق، 23 يىل بويىچە ئۇنى كىيىش، قوغداش ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى تەنتەربىيە مەيدانلىرىغا ئېلىپ چىقىش شەرىپى، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىگە ئېرىشتىم.»

بۇ كۆڭلەكنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان رونالدو: «بۇ ئاسان قارار ئەمەس، چۈنكى بەزى قارارلار پەقەت ئەقىل بىلەنلا ئەمەس، يۈرەك بىلەنمۇ چىقىرىلىدۇ» دەېدى.

چولپان پۇتبولچى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2003-يىلى ئاۋغۇستتا باشلانغان ۋە ھاياتىمنى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەرتكەن بۇ سەپەر ئاخىرلاشتى. دۆلەت كوماندىسى بىلەن باشتىن كەچۈرگەن بارلىق كەچۈرمىشلىرىمگە قايتا نەزەر سالغىنىمدا، پەقەت مۇسابىقىلەرنى، توپلارنى، رېكورتلارنى ياكى لوڭقىلارنىلا كۆرمەيمەن. ئىنسانلارنى كۆرىمەن. چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ۋە 90 مىنۇت جەريانىدا ئۆزىنى ۋەتىنىگە بىر ئاز بولسىمۇ يېقىن ھېس قىلغان پورتۇگالىيەلىكلەرنى كۆرىمەن. ھەرگىز كۆرۈشۈپ باقمىغان، ئەمما پۈتۈن ھاياتىمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغان مىليونلىغان پورتۇگالىيەلىكلەرنى كۆرىمەن. چۈنكى كۈننىڭ ئاخىرىدا پۇتبول ئاددىي ئويۇندىن كۆپ يۇقىرى مەنىگە ئىگە، پۇتبول ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر» دېدى.

رونالدو پورتۇگالىيە كوماندىسى شەرىپىگە كۆرسەتكەن 234 مەيدان مۇسابىقە ۋە 146 توپ كىرگۈزگەن نەتىجىسى بىلەن، دۇنيا بويىچە دۆلەت كوماندىسى فورمىسىنى ئەڭ كۆپ كىيگەن ۋە دۆلەت كوماندىسىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ئەر توپچى رېكورتىنىڭ ئىگىسىدۇر.

پۇتبول تارىخىدىكى داڭلىق توپچىلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان رونالدو، پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى 2003-يىلى ئوينىغان بولۇپ، ھاياتىدا 5 قېتىم «ئالتۇن توپ» (Ballon d'Or) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
كارنېي بىلەن ترامپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
كېرېمىل سارىيى: زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرىدۇ
تەيۋەن: خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 19 قېتىم ئۇچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە تارىخىي سۇلەيمانىيە تەككىسى رېمونت قىلىنىپ قايتىدىن ئېچىلدى
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا