ئامېرىكا ئىرانغا قارشى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرقكە 10 مىڭ قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشى مۇمكىن
پىلانلانغان بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش پىيادە ئەسكەرلەر قىسىملىرىنى ۋە بىرونېۋىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، پېنتاگون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېھران بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغان تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھەربىي تاللاشلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا شەرقكە 10 مىڭغىچە قوشۇمچە ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
Wall Street Journal نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پىيادە ئەسكەرلەر قىسىملىرىنى ۋە بىرونېۋىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قوشۇمچە كۈچلەر رايونغا ئاللىبۇرۇن ئەۋەتىلگەن 5 مىڭغا يېقىن دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرى ۋە 82-ھاۋا ئارمىيە دىۋىزىيەسىنىڭ مىڭلىغان پاراشۇتچى ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ئەسكەرلەرنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئەمەلدارلار ئىران ۋە بۇ دۆلەتنىڭ دېڭىز ساھىللىرىدىكى مۇھىم بىر نېفىت ئېكسپورت مەركىزى بولغان خارگ ئارىلىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ترامپ ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ياكى قوللىشىسىز «ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىش» نى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئاقساراي مۇئاۋىن باياناتچىسى ئاننا كېللىي مۇنداق دېدى:
«ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بارلىق ئۇقتۇرۇشلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ.
«پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىتەلەيدىغان بارلىق ھەربىي تاللاشلىرى مەۋجۇت.»