ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە موھتاج
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا تەرتىپىدە، ئىتتىپاقنىڭ كىرىزىسلارغا قارشى مەمۇرىي ۋە ھەربىي تەييارلىقىنى پۇختىلاش ھەمدە چىداملىقلىقىنى كۈچەيتىشكە موھتاجلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى؛ يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى، چىداملىقلىقى، كىرىزىسلارغا تەييارلىق قىلىش، كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش، كۆچمەنلەر ۋە باشقا مەسىلىلەرگە دائىر يەكۈن خاراكتېرلىك باياناتى قوبۇل قىلىندى.
رەھبەرلەر گېئوپولىتىك جىددىيچىلىك ۋە كىلىمات سەۋەبلىك تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپىيىۋاتقان نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىگە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىرىزىسلارغا تەييارلىق قىلىشى ۋە چىداملىقلىقىنى ئاشۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىرىزىسنى باشقۇرۇشتا مەمۇرىي ۋە ھەربىي قاتلاملارنىڭ قەدەملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
مۇۋاپىق بولغان ئەھۋاللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان رەھبەرلەر، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇداپىئە مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم قەدەملىرىگە ماس قەدەمدىكى ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدىگەن خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە چاقىردى.
باياناتتا: «بۇ يېڭى تەييارلىق ئېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چىداملىقلىقىنى كۈچەيتىش، قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش، ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ساقلاش ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن زۆرۈر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
رەھبەرلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 2025-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئىنكاس قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىغان يېڭى بىر قانۇن تەكلىپ قىلىش پىلانىنى قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.
كېڭىيىش دائىرىسىدە يېڭى ئەزالارنى قوشۇش قەتئىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن رەھبەرلەر، كېڭىيىش جەريانىنى تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىش ئۈچۈن «گېئوئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش» دەپ ئاتىدى.
رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ تور ھۇجۇملىرى، مۇھىم ئاساسىي قۇرۇلمىلارغا قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ۋە دېموكراتىك مۇساپىلەرگە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يولسىز پائالىيەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا قارىتىلغان تۇنجى جازا تەدبىرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن رەھبەرلەر، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى توسۇش ئۈچۈن «چىداملىقلىقنى كۈچەيتىش ۋە قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى»نى ئەھدە قىلدى.