غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى غەززەنى ئىشغال قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تەستىقلىدى
«گىدېئوننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى B» دەپ ئاتالغان غەززەنى مەڭگۈلۈك ئىشغال قىلىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە، جىددىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بىلەن ئىسرائىلىيەلىك زاپاس ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپىگە چاقىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى غەززەنى ئىشغال قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تەستىقلىدى
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى غەززەنى ئىشغال قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تەستىقلىدى / AP

ئىسرائىلىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان.

دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى KAN نىڭ خەۋىرىدە، كاتزنىڭ بۇ پىلانغا ماي ئېيىدا باشلانغان ۋە پەلەستىنلىكلەرنى غەززەنىڭ شىمالىدىن پۈتۈنلەي كۆچۈرۈشنى نىشان قىلغان «گىدېئوننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى» ناملىق قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن كېيىن، «گىدېئوننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى B» دەپ ئىسىم قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى KAN: «پىلان دائىرىسىدە، ھۇجۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك زاپاس ئەسكەرلەرنى چاقىرىش بۇيرۇقى چىقىرىلىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئېھتىياجلىق ئەسكەر سانىنى تىلغا ئالمىغان.

بۇ پىلاننىڭ كېيىنچە بىخەتەرلىك كابىنېتىغا سۇنۇلۇپ تەستىقلىنىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

12-قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «8-نومۇرلۇق بۇيرۇق» دەپ ئاتالغان جىددىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئېلان قىلىنغان بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئونمىڭلىغان زاپاس ئەسكەرنىڭ چاقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى كېلەر ئايدا يەنە 50 مىڭ زاپاس ئەسكەرنىڭ چاقىرىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئاكتىپ زاپاس ئەسكەرلەر سانىنىڭ 120 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى، گېنېرال ئىيال زامىر سەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، غەززەنىڭ شىمالىدىكى ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغالىيەت پىلانىنىڭ باسقۇچلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Hamas reportedly agrees to new Gaza ceasefire proposal as Israel’s Gaza City occupation looms

غەززەنىڭ ئىشغال قىلىنىشى

8-ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيە كابىنېتى باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ غەززەنى باسقۇچلۇق ھالدا قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى.

بۇ پىلان تەخمىنەن بىر مىليون پەلەستىنلىكنىڭ غەززەدىن جەنۇبقا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىنى، ئاندىن شەھەرنىڭ قورشاۋغا ئېلىنىشىنى ۋە ئولتۇراق رايونلارغا كىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ دائىرىدە، ئارمىيە 11-ئاۋغۇست غەززەنىڭ زەيتۇن مەھەللىسىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

رايوندىكى گۇۋاھچىلار ھۇجۇمدا مىنا ئورنىتىلغان ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئۆيلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى، توپچى قىسىمنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت تەييارلىقلىرى، ھاماس بىلەن ۋاسىتىلىق ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلماقتا. ھاماس مىسىر ۋە قاتار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ دائىرىسىدە 60 كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 62 مىڭ 100 گە يېقىن پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ھەربىي ھۇجۇم ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن رايوننى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايونغا قاراتقان قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Mediators awaiting Israel's reply to new Gaza truce plan: Qatar

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى