خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتلىق رايونغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى.
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى

ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. سۇدان بىلەن جەنۇبىي سۇدان ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتلىق ئابيېي رايونىدىكى بىر بازارغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئابيېي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى يوھاننا ئاكول نگور شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئاميېت  بازىرىغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمدا يېقىن ئەتراپتىكى بىر يېقىلغۇ ئامبىرىنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

نگور ھۇجۇمدىن كېيىن چىققان ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىدى. ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 153 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى يەتكۈزگەن نگور، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، ئارىسىدا ئاياللار ۋە بالىلارمۇ بولغان كۆپ ساندا پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئابيېيدىكى ب د ت ۋاقىتلىق خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ (UNISFA)، يارىلانغانلارنى يۆتكەش ۋە ئوتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن رايونغا سەھىيە ئەترەتلىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قىسىملىرىنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نېفىت بايلىقى مول بولغان ئابيېي رايونىنىڭ سالاھىيىتى، جەنۇبىي سۇداننىڭ 2011-يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ ھەل قىلىنمىغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە 183 دۆنۈم پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى
نېتانياھۇ ترامپقا «تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار» دېدى
يەمەن ئارمىيەسى: 1164 ھەرىكەتتە 558 ھۇسىي بىر تەرەپ قىلىندى
مىلان—جىددى ئايروپىلانى بومبا بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىمغا جىددىي قوندى
كولومبىيەدىكى بىر قانۇنسىز ئالتۇن كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەۋەتىشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى