ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ ئۆسۈمنى مۇقىم تۇتۇشى ۋە ئىران بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ بازارغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى سەۋەبىدىن، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇن باھاسىنى 5500 دوللاردىن ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشىگە سەۋەب بولدى.
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى (FED) نىڭ سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇقىم تۇتۇشى ۋە ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن، پەيشەنبە (2026-يىلى 29-يانۋار) كۈنى ئالتۇن باھاسى داۋاملىق رېكورت يارىتىپ، 5500 دوللارلىق ئۆتكىدىن ئۆتۈپ، 5600 دوللارغا يېقىنلاشتى.
گىرىنۋىچ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 گىچە، نەق ئالتۇن باھاسى كۈنلۈك %2.4 تىن كۆپرەك ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 5548.50 دوللارغا يەتتى. ئەتىگەنلىك بازاردا باھا 5595.44 دوللار بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئىدى. ئالتۇن باھاسى بىر ھەپتە ئىچىدە تەخمىنەن %13 ئۆرلىدى.
سودا ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشى، شۇنداقلا ئاساسلىق چوڭ مەركىزىي بانكالارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە تەخمىنەن %102، يىل بېشى (2026) دىن بۇيان بولسا تەخمىنەن %29 ئۆرلىدى.
كۈمۈش باھاسىىمۇ ئۆرلەپ، %1 دىن كۆپرەك ئېشىش بىلەن ھەر ئۇنسىيەسى 120.43 دوللار بىلەن تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى. كۈمۈش باھاسى بىر يىل ئىچىدە %283 تىن كۆپرەك ئۆرلىدى.
ترامپنىڭ تەسىرى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە (28-يانۋار) كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا «غايەت زور فىلوت» نىڭ ئىرانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تېھراننى كېلىشىم تۈزۈشكە، بولمىسا «تېخىمۇ ئېغىر ھۇجۇم» غا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيدى.
ترامپ «ئابراھام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا باشچىلىقىدىكى بۇ فىلوتنىڭ ئىلگىرى ۋېنېزۇئېلاغا ئەۋەتىلگەن فىلوتتىن چوڭ ئىكەنلىكىنى ۋە «زۆرۈر تېپىلغاندا ۋەزىپىسىنى تېز ھەم كەسكىنلىك بىلەن ئورۇنداشقا تەييار ئىكەنلىكى» نى ئېيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى چارشەنبە كۈنى سىياسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى %3.5 بىلەن %3.75 ئارىلىقىدىكى نىشان دائىرىسىدە ئۆزگەرتمەي مۇقىم تۇتتى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ «مۇقىم» قەدەمدە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى جېروم پوۋېل (Jerome Powell) قاراردىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باھا (ئىنفلېياتسىيە) تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، مەركىزىي بانكانىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يېڭى بىر زور كۆلەملىك تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىش باشلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تاموژنا باجلىرىنىڭ تاۋار باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، ئاندىن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، دەپ مۆلچەرلەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «بىز بۇ يىل (2026) ئىچىدە مۇشۇنداق بولۇشىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ بىزگە سىياسەتنى بوشاشتۇرالايدىغانلىقىمىزدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېدى.