دونالد ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئاقسارايدا بېنيامىن نېتانياھۇنى كۈتۈۋالىدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن كېيىن، بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
بۇ ترامپنىڭ يانۋاردا قايتا ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىدىن بۇيانقى نېتانياھۇنىڭ ئاقسارايدىكى تۆتىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ، ئوڭ قانات ئىسرائىلىيە رەھبىرى غەززەدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنسېرى يالغۇزلىشىپ قېلىۋاتقان دۆلىتىنىڭ (ئامېرىكا بىلەن بولغان) ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا.
جۈمە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇرغۇن ۋەكىلنىڭ يىغىن زالىدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن دېگۈدەك بوش قالغان زالغا سۆز قىلىشقا مەجبۇر بولغاندا دۇچ كەلگەن سوغۇق مۇئامىلىلەرنىڭ ئەكسىچە، نېتانياھۇ ئاقسارايدا قىزغىن كۈتۈۋېلىنىشىنى كۈتمەكتە.
نېتانياھۇ ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى «نومۇسلۇق بىر قارار» دەپ ئاتاپ، قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكانىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دىپلوماتىك مەيدانىدا يۈز بەرگەن زور بىر ئۆزگىرىش دەپ قارالماقتا.
بۇ دۆلەتلەر ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىدا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى قوغداش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنداق بىر قەدەمنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئېتىراپ قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ھاماسنى مۇكاپاتلاش دەپ تەنقىد قىلغان ترامپ يەكشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، نېتانياھۇنىڭ پەلەستىن رايونىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېلېفون سۆھبىتىدە نېتانياھۇنىڭ لەقىمىنىمۇ ئىشلەتكەن ترامپ: «بىز ناھايىتى ياخشى ئىنكاسقا ئېرىشىۋاتىمىز، چۈنكى بىبىمۇ كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ. ھەممە ئادەم كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىيوردانىيە ۋە مىسىر رەھبەرلىرىگە ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىپ، كېلىشىمنىڭ غەززەدىن ھالقىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى دېيىلىدۇ، پەقەت غەززەلا ئەمەس. غەززە بۇنىڭ بىر قىسمى. ئەمما بۇ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىدۇر».
غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بىر كېلىشىمنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى: «بۇنى دېيىشكە تېخى بەك بالدۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە، نېتانياھۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى ترامپ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تەكلىپكە بولغان ئىنكاسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
تىنچلىق پىلانى
نېتانياھۇ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە راي سىناش نەتىجىلىرىگە كۆرە ئۇرۇشتىن زېرىككەن ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۆتكەن ھەپتە ب د ت يىغىنى ئارىلىقىدا، بىر قاتار ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە 21 ماددىلىق بىر تىنچلىق پىلانى سۇنۇلدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پىلاندا بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ – تىرىك ياكى ئۆلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – قويۇپ بېرىلىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا «تىنچ بىرگە ياشاش» ئۈچۈن يېڭى بىر دىيالوگنىڭ باشلىنىشى كۆزدە تۇتۇلغان.
ئىسرائىلىيە 9-سېنتەبىردە دوھادا ھاماس ئەمەلدارلىرىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن قاتارلىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ۋە ترامپنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى. ئىلگىرى ئامېرىكا قوللىغان ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغانىدى ۋە ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى.
ئۇرۇش جىنايەتلىرى
ئاقسارايدىكى بۇ ئۇچرىشىش نيۇيوركتىكى دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يىغىندا غەززە ئۇرۇشى كۈنتەرتىپنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، ئىسرائىلىيە دائىم تەنقىد نىشانىغا ئايلانغانىدى.
بېنيامىن نېتانياھۇ ھاكىمىيىتى ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئاشقۇن ئوڭ قانات ۋە رادىكال ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر پەلەستىن دۆلىتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى.
پەلەستىن سەھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە 65 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى. بۇ ئەھۋال، رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانىي كىرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە ئاچارچىلىقنىڭ يېيىلىشىغا سەۋەب بولدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى غەززە ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى. ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ سالاھىيىتىنى رەت قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا.
ترامپ بىلەن نېتانياھۇ گەرچە ئادەتتە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، دۈشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە جىددىيچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت.
نېتانياھۇنىڭ بەزى قاتتىق قول مىنىستىرلىرى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق ئۈمىدلىرىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بىراق ترامپ پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس بىلەن بىرلىكتە ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىشى، ترامپنىڭ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ۋاسىتىچىلىك قىلغان ۋە بىر قانچە ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان مۇھىم بىر تاشقى سىياسەت مۇۋەپپەقىيىتى بولغان «ئىبراھىم كېلىشىملىرى» نى بۇزۇۋېتىشى مۇمكىن.