خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«غەززە بالىلىرى ئاچ بولسا، بىزمۇ ئاچ قالىمىز»... ئاچلىق ئېلانلىرى دولقۇنسىمان شەكىلدە كېڭەيمەكتە
«غەززە بالىلىرى ئاچ بولسا، بىزمۇ ئاچ قالىمىز»: ئاچلىق ئېلانلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى غەززەدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان قەھەتچىلىككە مەركەزلەشتۈردى.
«غەززە بالىلىرى ئاچ بولسا، بىزمۇ ئاچ قالىمىز»... ئاچلىق ئېلانلىرى دولقۇنسىمان شەكىلدە كېڭەيمەكتە
/ Reuters

سەھىيە دائىرىلىرى ئاچلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئونلارچە بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پەيتلەردە، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئەرەب پائالىيەتچىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزگەن قامالىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئاچلىق ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزۈۋاتقان قامالىغا قارشى ئەرەب دۇنياسىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكەتلىرى دولقۇنسىمان شەكىلدە كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، پەلەستىن سەھىيە دائىرىلىرى قەھەتچىلىكنىڭ بالىلارنى ئەندىشە قىلارلىق شەكىلدە جانلىرىدىن جۇدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

20-ئىيۇل تولۇق ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلىغان غەززە خەلق مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مەھمۇد باسسال، «ئەگەر غەززە بالىلىرىنىڭ يېگۈلۈكى بولمىسا، ھەممە ئادەم ئاچلىق ئېلان قىلىشى كېرەك» دېدى.

مەھمۇد باسسال مىسىرنىڭ «ئەلقاھىرە خەۋەر قانىلى»غا بايانات بېرىپ، «خەلقىم يېمەك-ئىچمەككە ئېرىشىپ، ياردەم بۇيۇملىرى ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە يەتكۈزۈلمىگۈچە، مەنمۇ تاماق يېمەيمەن» دېدى.

باسسال غەززەدىكى ۋەزىيەتنى «سىستېمىلىق ھالەتتىكى كوللېكتىپ جازا» دەپ تەسۋىرلەپ، ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنى، ياۋروپا پارلامېنتلىرىنى ۋە دىنىي داھىيلارنى قۇرۇق گەپتىن ھالقىپ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە، «ئەگەر غەززە بالىلىرىنىڭ يېگۈلۈكى بولمىسا، ھەممە ئادەم ئىتتىپاقلىشىپ ئاچلىق ئېلان قىلىشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ سەپەرۋەرلىككە تۇنىسنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇنسىف مارزۇقىمۇ قوشۇلدى. مارزۇقى دۈشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، سىمۋوللۇق مەنىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

تۇنىسلىق ژۇرنالىست باسام بئۇننىمۇ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاچلىقنى قورال قىلىۋېلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ھەربىي ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بئۇننى «#hungerstrikeforgaza» (غەززە ئۈچۈن ئاچلىق ئېلانى) خەتكۈچى (ھەشتېگى)نى يولغا قويۇپ، باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلەتكۈچىلىرىنى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلارنى تارقىتىشتىن ساقلىنىشقا ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەرەققىياتلارنى كۆپ تىلدا ھەمبەھرىلەشكە چاقىردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «غەززە قامالىنى بۇزۇپ تاشلاش خەلقئارا كومىتېتى» سەيشەنبە كۈنىنى «غەزەپ سەيشەنبىسى» دەپ ئاتاپ، يەرشارى خاراكتېرلىك ئاچلىق ئېلان قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ كىرىزىسنى «شەپىسىز قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 76 نەپىرى بالا بولۇپ، كەم دېگەندە 86 پەلەستىنلىكنىڭ ئاچلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، پەقەت يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىلا ئاچلىق سەۋەبىدىن 18 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. مىنىستىرلىق قورشاۋدىكى رايونغا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بېرى تاقىۋەتكەن بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى دەرھال ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشقا دائىر سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
ترامپ ئىران ھەققىدە: «ئۇرۇش ناھايىتى يېقىندا، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى
روسىيە: «ئۇكرائىنادىكى ئەشيا ئوبوروت ۋە ئالاقە مەركەزلىرى بىلەن قوشۇپ، بىر پاراخوتقا زەربە بەردۇق»
سۈرىيەدە ھۇمۇس يېزىلىرىدىكى T4 ئايرودۇرۇمى يېنىدا مىنا پارتلاپ 3 كىشى قازا قىلدى