فىرانسىيە چادتىكى ھەربىي بازىسىدىن چېكىندى
فىرانسىيە بىلەن چاد ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، پارىژ ھۆكۈمىتى چادتىكى فايا ھەربىي بازىسىنى بوشاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلىنكېننىڭ سۆھبىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتە ئىككى رەھبەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى ئاشۇرۇش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، بىلىنكېننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئىران قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان قورال-ياراغلارنى تەمىنلەشنى توختىتىش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.