جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان تاشقى مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىران مىقياسىدا نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش ۋە رايونلۇق مۇقىملىقنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيشەنبە كۈنى ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەرقانداق تاشقى مۇداخىلىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ۋە قوشنىلىرىنىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ھەقتىكى بايانات تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتتە ئىراندا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەردوغاننىڭ، مەسىلىلەرنىڭ يېڭى بىر جىددىيچىلىككە يول ئاچماستىن ھەل قىلىنىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىران يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار بىلەن سىلكىنمەكتە. نامايىشلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى خامىنېي شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەلەردە «بىرنەچچە مىڭ» كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بايانات، تالاپەتنىڭ كۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىرانلىق ئەمەلداردىن كەلگەن تۇنجى ئوچۇق-ئاشكارا جەزملەشتۈرۈش بولۇپ قالدى. خامىنېي ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دەسلەپتە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن پارتلىغان نامايىش ۋە ئىش تاشلاشلار، 1979-يىلدىكى ئىنقىلابتىن بۇيان دۆلەتنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دىنىي رەھبەرلىككە قارشى ئاممىۋى بىر ھەرىكەتكە ئايلاندى. يانۋار ئېيىنىڭ باشلىرىدىن (8-يانۋاردىن) باشلاپ كۈنلەپ داۋاملاشقان نامايىشلاردا يۈز مىڭلىغان كىشى كوچىلارغا چىقتى.
چارشەنبە كۈنى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتونغا قارىتا ھازىرغىچە بولغان ئەڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشنى بېرىپ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ «قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
دائىرىلەردىن كەلگەن تۇنجى رەسمىي ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بولسا شۇ كۈنى ئېلان قىلىندى. دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراننىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋە شېھىتلار ۋەقپىسى نامايىشلار جەريانىدا 3117 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان.