لۇلا ترامپنى «تىنچلىق كېڭىشى» تەشەببۇسىغا پەلەستىننى كىرگۈزۈشىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىردى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى «تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ غەززە ۋە پەلەستىننىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىغا مەركەزلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپتىن، ئۆزىنىڭ تەكلىپى بولغان «تىنچلىق كېڭىشى» تەشەببۇسىغا پەلەستىننى كىرگۈزۈشنى ۋە كېڭەشنىڭ تېمىسىنى غەززە بىلەنلا چەكلەشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان.
پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر تېلېفون سۆھبىتىدە ئىككى رەھبەر ۋاشىنگتوندا بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىشقا كېلىشكەن.
50 مىنۇتلۇق سۆھبەت جەريانىدا لۇلا «تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ غەززە بىلەن چەكلىنىشىنى ۋە ئەزالار ئارىسىدا پەلەستىن ئۈچۈن بىر ئورۇندۇق ئاجرىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
لۇلا يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك باشقۇرۇشنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار تېخىمۇ كەڭ ئەنسىرەشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنى كۆپەيتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش» قا چاقىرىق قىلغان.
ئۆزگىرىشچان مۇناسىۋەتلەر:
لۇلا بىلەن ترامپ ئۆكتەبىر ئېيىدىكى تۇنجى رەسمىي كۆرۈشۈشىدىن بۇيان تېخىمۇ قويۇق ئالاقىدە بولماقتا. بۇ كۆرۈشۈش بىرازىلىيە بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت مەزگىلىدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇمشىغانلىقىنىڭ ئىشارتى دەپ قارالماقتا.
ياخشىلانغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ترامپ ھۆكۈمىتى بىرازىلىيەنىڭ مۇھىم ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى %40 لىك تاموژنا بېجىدىن ئەپۇ قىلدى ۋە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك بىرازىلىيەلىك سودىيەگە قويۇلغان ئېمبارگونى بىكار قىلدى.
ئىككى رەھبەر يەنە دۈشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەزىيەتنىمۇ مۇنازىرە قىلغان بولۇپ، لۇلا «رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق» ئورنىتىشقا چاقىرغان.
بۇ ئاينىڭ بېشىدا لۇلا ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ۋە پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرونى تەختتىن چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھۇجۇمىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى» ئېيتقان ئىدى.
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لۇلانىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى فېۋرالدا پىلانلانغان ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، زىيارەتنىڭ ئېنىق ۋاقتى يېقىندا بېكىتىلىدىكەن.