ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەلى باقىرى ئىران تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، مەككە ئىتتىپاقىغا ئەزا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تېھراننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باقىرى يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شاھزادە خالىد بىن سەلمان، پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىر ۋە تۈركىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار ئىران ئالىي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى مۇھسىن رىزائىي بىلەن كۆرۈشىدۇ.
باقىرى يىغىننىڭ ۋاقتى توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئىران تاراتقۇلىرى يىغىننىڭ بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تېھراندىكى مەزكۇر يىغىنغا مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىنمۇ قاتنىشىدۇ.





















