سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي: ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشى ئەسلىگە كەلدى
پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي جەھەتتە يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي: ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشى ئەسلىگە كەلدى
زېلېنسكىي زور قىيىنچىلىققا تولغان ئالدىنقى سەپ لىنيەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى خۇلاسىلىدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ جۈمە كۈنى (11-ئىيۇل) كەچتە سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى:

«بىز ئامېرىكا ۋە ياۋروپالىق دوستلىرىمىزدىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىياسىي جەھەتتە ياخشى سىگناللارنى تاپشۇرۇۋالدۇق. بارلىق دوكلاتلارغا قارىغاندا، ياردەم ئەشيالىرىنى توشۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.»

ئۇ ئۇكرائىنا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى كېيت كېللوگ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز كېلەر ھەپتە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ھەربىي سەۋىيەدە خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بولۇپمۇ ھەربىي رەھبەرلىرىمىز گېنېرال كېللوگ بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدۇ. بىز يەنە ياۋروپانىڭ يېڭى مۇداپىئە ياردەم پىلانلىرىنىمۇ تەييارلاۋاتىمىز.»

ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كېللوگنىڭ دۈشەنبە كۈنى (14-ئىيۇل) كىيېۋغا يېتىپ بارىدىغانلىقى ۋە بىر ھەپتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى پىلانلانغان.

كېللوگ رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىندا، ئۇكرائىنا تاراتقۇسى «Novyny.LIVE» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز دۈشەنبە كۈنى كىيېۋدا بولىمىز، پۈتۈن ھەپتە شۇ يەردە بولىمىز«.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US resumes delivering some weapons to Ukraine after pause

كۈچەيگەن ھۇجۇملار

قايتىدىن باشلانغان ھەربىي ئالاقىلەر، رۇسىيە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇ ھەپتە رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئىككى قېتىملىق كېچىلىك ھۇجۇمى ئەمەلگە ئاشتى.  

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى (10-ئىيۇل) ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ناتو ئارقىلىق قورال-ياراغ يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە دۈشەنبە كۈنى (14-ئىيۇل) رۇسىيە توغرىسىدا «مۇھىم بايانات» ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇلالمىغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

زېلېنسكىي سۆزىدە، ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زور قىيىنچىلىققا تولغان ئالدىنقى سەپ لىنيەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلارنى خۇلاسىلىدى.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى