خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيەنىڭ نىيچىما ئارىلىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقى (JMA) قاتتىق يامغۇرلار سەۋەبىدىن پايتەخت تۆكىيونىڭ جەنۇبىدىكى ۋولقانلىق نىيچىما ئارىلى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.
ياپونىيەنىڭ  نىيچىما ئارىلىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ياپونىيەنىڭ نىيچىما ئارىلىدا تاغ گۆمۈرۈلۈش ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى / Reuters Archive

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئىسسىق ۋە نەملىك ھاۋا» نىڭ تەسىرى بىلەن ئاخىرقى 24 سائەتتە رېكورت سەۋىيەدە يامغۇر ياغقانلىقى ئۈچۈن تۆكىيونىڭ جەنۇبىدىكى نىيچىما ئارىلى ئۈچۈن «5-دەرىجىلىك جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى» ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋولقانلىق بىر ئارال بولغان نىيچىما تۆكىيونىڭ تەخمىنەن 160 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان.

ئارال رايونىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان تاغ كۆچۈشلەرگە قارشى «ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاگاھلاندۇرۇشتا تۇرۇش» تەلەپ قىلىنغان باياناتتا، پايتەخت بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سايتاما ۋە چىبا ۋىلايەتلىرىدە قاتتىق يامغۇرلارنىڭ تەسىرىنىڭ ھەپتە ئىچىدە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.

مېتېئورولوگىيە مەسئۇللىرى ھونشۇ ئاساسلىق ئارىلى بويىچە سوزۇلغان بىر يامغۇر دولقۇنى يېقىنلاشقانسېرى، تىنچ ئوكيان تەرەپتىكى كەڭ رايونلاردا يامغۇرلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مەسئۇللار تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلقنى تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋە باشقا ئاپەتلەرگە قارشى ئىنتايىن ھوشيار بولۇشقا چاقىردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - At least 6 killed as torrential rain pounds eastern Japan
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا