سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى 234 پاناھلىنىش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
غەززەنىڭ دەيرۇلبەلاھ رايونىدىكى 2025-يىلى 7-ماي كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىنكى ۋەيرانچىلىق كۆرۈنۈشى. / AA

سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 54 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئونلارچە كىشى يارىلانغان.

بىر سەھىيە مەنبەسىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، غەززە شەھىرىنىڭ تۇففاھ مەھەللىسىدە پاناھلىنىش مەركىزى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر مەكتەپ بىناسى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇمدا 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغان.

بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇرەيج مۇساپىرلار لاگېرىدىكى يەنە بىر مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھۇجۇمدا 33 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان،  73 كىشى يارىلانغانىدى.

غەززە ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 234 پاناھلىنىش ئورنىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

يەنە بىر سەھىيە مەنبەسى غەززەدىكى ۋەھدە كوچىسىدىكى ئادەملەر زىچ بىر بازارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 22 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلار ئىچىدە بىر قانچە بالا ۋە بىر مۇخبىرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇم بازار ئەڭ ئاۋات ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان جايدىكى نۇرغۇن دۇكان ۋە بوتكا ۋەيران بولغان.

يەنە بىر سەھىيە مەنبەسى خان يۇنۇس شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە قىلىنغان ھۇجۇمدا بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي سەككىز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى بەنى سۇھەيلا يېزىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەستىنلىك ئەر-ئايالنىڭ قازا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى قىلدى.

سەھىيە خادىملىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ مەركىزىدىكى دەيرۇلبەلاھ مۇناسىرا مۇساپىرلار لاگېرىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى جەبالىيە مۇساپىرلار لاگېرىغا قاراشلىق تەل ئەززەئاتار مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، بىر قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدا ئۆي چېقىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

پەلەستىن مەنبەلىرىنىڭ (ياكى غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ) مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 52 مىڭ 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى (خ ج ئى س م) 2024-يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە (سابىق) مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنى غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە (خ س م) غەززەدىكى ھەرىكەتلىرى جەريانىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى