ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەمىنە ئەردوغاننىڭ «نۆل تاشلاندۇق» تەسەۋۋۇرى
تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىلىمات يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئەمىنە ئەردوغاننىڭ باشلامچىلىقىدىكى ھەرىكەت تەشۋىقاتچىلىقتىن ھالقىپ، دۇنياۋى كىلىمات باشقۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
ئەمىنە ئەردوغاننىڭ «نۆل تاشلاندۇق» تەسەۋۋۇرى
ئەمىنە ئەردوغان نۆل تاشلاندۇق ھەرىكەتلىرىنى مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا ئەمەلىي ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارايدۇ. / AA
2025-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان پەخرىي رەئىسى بولغان، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان مۇھىت ۋەخپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (COP31) ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك بىر سىجىللىق رامكىسىنى ئېلان قىلدى.

«نۆل تاشلاندۇق» ۋەخپى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ رامكا، ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىقتىن پايدىلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇش ھەمدە ئەشيا ئوبوروتىدىن يىغىن مەيدانلىرىغىچە، مەنپەئەتدارلارنىڭ قاتنىشىشىدىن تارتىپ ئوچۇق-ئاشكارىلىققىچە بولغان يىغىننىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە مۇھىت ئىپادىسىنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە 2026-يىلى نويابىردا نۆۋەتچى رەئىس بولىدىغان ۋە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ، پارىژ كېلىشىمى دائىرىسىدىكى دۇنياۋى كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 200 دۆلەتنى بىر يەرگە جەم قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

«سىجىلىققا ئىگە ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى رامكىسى» نۆل تاشلاندۇق باشقۇرۇش كېلىشىم ئەسلەتمىلىرى، كاربوننى ئازايتىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى، سىجىل قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى پىلانى، شۇنداقلا يىغىن مەيدانلىرى ئۈچۈن ئېنىق مۇھىت ئۆلچەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يول خەرىتىسىنى سۇنىدۇ. بۇ رامكا يەنە بارلىق قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن جاۋابكارلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزملارنىمۇ بەلگىلەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Emine Erdogan receives ‘Best Global Female Leader’ award at Global Donors Forum

ئەمىنە ئەردوغان ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە

بۇ ھەرىكەت ئەمىنە ئەردوغاننىڭ «نۆل تاشلاندۇق» توغرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پائالىيەتلىرىنى، مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا ئەمەلىي ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە «نۆل تاشلاندۇق» ھەرىكىتى مىللىي سىياسەتتىن يەرشارى مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان سىجىللىق ئەندىزىسىگە ئايلاندى.

ۋەخپە تېخنىكىلىق پىلانلاشتىن ھالقىپ، تۈركىيە مىقياسىدا كۆپ تەرەپ قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك تەييارلىق جەريانىنى قۇرماقتا. بۇ تۈر سىياسەت تۈزۈش جەھەتتە ئۇنىۋېرستېتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى، سىجىل شەھەر قانۇن-تۈزۈملىرى جەھەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن شېرىكچىلىكنى، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى تېزلىتىش ۋە ئاممىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە خۇسۇسىي ساھەلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«نۆل تاشلاندۇق» ۋەخپىنىڭ رەئىسى سامەد ئاغىرباش بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت بىر مۇھىت غايىسى دەپ قارالماستىن، بەلكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى كونكرېت ۋە ئۆلچىگىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاغىرباش يەنە، ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنى، تۈركىيەنىڭ «نۆل تاشلاندۇق» ئەندىزىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ چوڭ سەھنىدە نامايان قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت دەپ تەرىپلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye’s first lady stresses the need for new global vision to reinforce family institution

مۇھىت دىپلوماتىيەسى

ئەمىنە ئەردوغاننىڭ دۇنياۋى مۇھىت دىپلوماتىيەسىدىكى رولى يېقىنقى يىللاردا مۇقىم ھالدا كۈچەيدى. 2022-يىلى دېكابىردا تۈركىيە باشلامچىلىق قىلغان ۋە 105 دۆلەت ئورتاق قوللىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن 30-مارت كۈنى «خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى» دەپ جاكارلاندى. ئەردوغان 2023-يىلى مارتتا نىيۇ  يوركتىكى ب د ت باش ئىشىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مۇراسىمدا ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس «نۆل تاشلاندۇق» تېمىسىدىكى «مۆتىۋەر زاتلار مەسلىھەت كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئەردوغاننى كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى؛ ئەردوغان بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدى.

كېيىنچە، جۇمھۇر رەئىس نىيۇ يوركتىكى «تۈرك ئۆيى» دە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنياۋى نۆل تاشلاندۇق ھەرىكىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەش» ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يەردە ئەردوغان «دۇنياۋى نۆل تاشلاندۇق ياخشى نىيەت خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويغان تۇنجى شەخس بولدى.

 ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ 2026-يىلى 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئالدى بىلەن ئاقدېڭىز شەھىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلۈشى، «باشلىقلار يىغىنى» نىڭ بولسا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانماقتا. سۆھبەتلەردە يېڭىلانغان كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىشانلىرى، ماسلىشىش ئىستراتېگىيەلىرى، كىلىمات مەبلىغى ۋە دۇنياۋى كاربون بازارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دىققەتنى  مەركەزلەشتۈرۈش كۈتۈلمەكتە.

ئەمىنە ئەردوغان تەشەببۇس قىلغان «نۆل تاشلاندۇق» رامكىسىنى ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسى قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە دىپلوماتىيە تەجرىبىسىنى مۇھىت رەھبەرلىكى بىلەن يۇغۇرۇشنى؛ سىجىللىقنى پەقەت بىر يىغىن تېمىسىلا ئەمەس، بەلكى يىغىننىڭ باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye's first lady warns world 'failing on justice' as crises hit women, children hardest
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ قويۇپ بەرگەن 81 نەپەر دائىش مەھبۇسىنى قايتىدىن تۇتتى
ئىراندىكى نامايىشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4000 دىن ئاشتى
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى گىرېنلاندىيە مەسىلىسىدە خىتاي تەھدىتى بارلىقىنى ئىما قىلدى
خاككېرلار ئىراننىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلدى
خىتايدا تۇغۇت نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ترامپ گىرېنلاندىيەدىكى «رۇسىيە تەھدىتى» گە تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەردى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى دۆلەتتىكى بىخەتەرلىك ئۆزگىرىشلىرى سەۋەبىدىن گېرمانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
ئىسپانىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋەقەسىدە  ئاز دېگەندە 21 كىشى ئۆلۈپ، ئونلىغان كىشى يارىلاندى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللايدۇ، بىرلىككە ۋە تولۇق بىر گەۋدىلىشىشكە چاقىرىدۇ
سۈرىيە ئۇرۇش توختىتىشنى ھاياتىي بىر قەدەم سۈپىتىدە قارشى ئالدى
ئىسپانىيەدىكى پويىز ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 39 غا يەتتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ترامپنىڭ تاموژنا تەھدىتىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ
ئەردوغان: سۈرىيەدە تېررورىزمنىڭ پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ناھايىتى مۇھىم
تۈركىيە: سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر «تېررورىزمدىن تازىلانغان رايون» ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر 4 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى