تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىلىمات يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئەمىنە ئەردوغاننىڭ باشلامچىلىقىدىكى ھەرىكەت تەشۋىقاتچىلىقتىن ھالقىپ، دۇنياۋى كىلىمات باشقۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان پەخرىي رەئىسى بولغان، مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان مۇھىت ۋەخپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (COP31) ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك بىر سىجىللىق رامكىسىنى ئېلان قىلدى.
«نۆل تاشلاندۇق» ۋەخپى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ رامكا، ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىقتىن پايدىلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇش ھەمدە ئەشيا ئوبوروتىدىن يىغىن مەيدانلىرىغىچە، مەنپەئەتدارلارنىڭ قاتنىشىشىدىن تارتىپ ئوچۇق-ئاشكارىلىققىچە بولغان يىغىننىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە مۇھىت ئىپادىسىنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە 2026-يىلى نويابىردا نۆۋەتچى رەئىس بولىدىغان ۋە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ، پارىژ كېلىشىمى دائىرىسىدىكى دۇنياۋى كىلىمات ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن تەخمىنەن 200 دۆلەتنى بىر يەرگە جەم قىلىشى كۈتۈلمەكتە.
«سىجىلىققا ئىگە ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى رامكىسى» نۆل تاشلاندۇق باشقۇرۇش كېلىشىم ئەسلەتمىلىرى، كاربوننى ئازايتىش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى، سىجىل قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروتى پىلانى، شۇنداقلا يىغىن مەيدانلىرى ئۈچۈن ئېنىق مۇھىت ئۆلچەملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يول خەرىتىسىنى سۇنىدۇ. بۇ رامكا يەنە بارلىق قاتناشقۇچىلار ئۈچۈن جاۋابكارلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزملارنىمۇ بەلگىلەيدۇ.
ئەمىنە ئەردوغان ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە
بۇ ھەرىكەت ئەمىنە ئەردوغاننىڭ «نۆل تاشلاندۇق» توغرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك پائالىيەتلىرىنى، مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا ئەمەلىي ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە «نۆل تاشلاندۇق» ھەرىكىتى مىللىي سىياسەتتىن يەرشارى مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان سىجىللىق ئەندىزىسىگە ئايلاندى.
ۋەخپە تېخنىكىلىق پىلانلاشتىن ھالقىپ، تۈركىيە مىقياسىدا كۆپ تەرەپ قاتناشقان كەڭ كۆلەملىك تەييارلىق جەريانىنى قۇرماقتا. بۇ تۈر سىياسەت تۈزۈش جەھەتتە ئۇنىۋېرستېتلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى، سىجىل شەھەر قانۇن-تۈزۈملىرى جەھەتتە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن شېرىكچىلىكنى، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى تېزلىتىش ۋە ئاممىنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە خۇسۇسىي ساھەلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«نۆل تاشلاندۇق» ۋەخپىنىڭ رەئىسى سامەد ئاغىرباش بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت بىر مۇھىت غايىسى دەپ قارالماستىن، بەلكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى كونكرېت ۋە ئۆلچىگىلى بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئاغىرباش يەنە، ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنى، تۈركىيەنىڭ «نۆل تاشلاندۇق» ئەندىزىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ چوڭ سەھنىدە نامايان قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت دەپ تەرىپلىدى.
مۇھىت دىپلوماتىيەسى
ئەمىنە ئەردوغاننىڭ دۇنياۋى مۇھىت دىپلوماتىيەسىدىكى رولى يېقىنقى يىللاردا مۇقىم ھالدا كۈچەيدى. 2022-يىلى دېكابىردا تۈركىيە باشلامچىلىق قىلغان ۋە 105 دۆلەت ئورتاق قوللىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارى بىلەن 30-مارت كۈنى «خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى» دەپ جاكارلاندى. ئەردوغان 2023-يىلى مارتتا نىيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مۇراسىمدا ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
شۇ قېتىملىق پائالىيەتتە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس «نۆل تاشلاندۇق» تېمىسىدىكى «مۆتىۋەر زاتلار مەسلىھەت كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئەردوغاننى كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى؛ ئەردوغان بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدى.
كېيىنچە، جۇمھۇر رەئىس نىيۇ يوركتىكى «تۈرك ئۆيى» دە ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنياۋى نۆل تاشلاندۇق ھەرىكىتىگە قاراپ ئىلگىرىلەش» ناملىق يۇقىرى دەرىجىلىك پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يەردە ئەردوغان «دۇنياۋى نۆل تاشلاندۇق ياخشى نىيەت خىتابنامىسى» گە ئىمزا قويغان تۇنجى شەخس بولدى.
ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ 2026-يىلى 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئالدى بىلەن ئاقدېڭىز شەھىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلۈشى، «باشلىقلار يىغىنى» نىڭ بولسا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانماقتا. سۆھبەتلەردە يېڭىلانغان كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش نىشانلىرى، ماسلىشىش ئىستراتېگىيەلىرى، كىلىمات مەبلىغى ۋە دۇنياۋى كاربون بازارلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كۈتۈلمەكتە.
ئەمىنە ئەردوغان تەشەببۇس قىلغان «نۆل تاشلاندۇق» رامكىسىنى ب د ت 31-نۆۋەتلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسى قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە دىپلوماتىيە تەجرىبىسىنى مۇھىت رەھبەرلىكى بىلەن يۇغۇرۇشنى؛ سىجىللىقنى پەقەت بىر يىغىن تېمىسىلا ئەمەس، بەلكى يىغىننىڭ باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.