خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
2025-يىلى مەسجىدى ئەقساغا 65 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن كىردى
بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە مەسجىدى ئەقساغا قانۇنسىز شەكىلدە كىرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇقىنى ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان سىياسەتلەرنى كۈچەيتمەكتە.
2025-يىلى مەسجىدى ئەقساغا 65 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن كىردى
2025-يىلى مەسجىدى ئەقساغا 65 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن كىردى / AA

خەلقئارا قۇددۇس فوندىنىڭ بىر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسا جامەسىگە 2025-يىلى 65 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەن كىرگەن. بۇ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %22 ئاشقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.

مەزكۇر رەقەملەر ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى ئىسلامىي ۋەقپىلەر ئىدارىسىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا تەييارلانغان خەلقئارا قۇددۇس فوندىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئېلان قىلىندى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، يىل بويى 65 مىڭ 364 ئىسرائىلىيەلىك رايونغا كىرگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەلىك سىياسىي ئەربابلارنىڭ زىيارەتلىرىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان.

فوندى جەمئىيەت، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىرنىڭ ۋە بىر قانچە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن سىياسەتچىلەر ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خىلدىكى سىياسىي ئارىلىشىشلارنىڭ سانى 2024-يىلى توققۇز قېتىم بولغان بولسا، 2025-يىلى 20 قېتىمغا يەتكەن.

دوكلاتتا، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ زىيارەت ۋاقىتلىرىنى ئۇزارتىش، گۇرۇپپا ئادەم سانىنى 120 دىن 200 گە چىقىرىش ۋە كىرىش ئارىلىقىنى قىسقارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ەھمدە رايونغا كىرىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ قەدەملەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇقەددەس بولغان بۇ يەردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەۋجۇت ئۆزگەرتىش ۋە ئۇ يەردە يېڭى بىر ۋەزىيەتنى مەجبۇرىي تېڭىش ئۇرۇنۇشلىرى دەپ تەرىپلەندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - On 5th day of Ramadan, dozens of Israeli illegal settlers storm Al-Aqsa Mosque

كىملىكنى بىكار قىلىش

دوكلاتتا مەسجىدى ئەقسادىكى بۇ ئەھۋاللاردىن باشقا، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا ئولتۇراقلىشىش ۋە كىملىك ھۆججەتلىرىنى بىكار قىلىشنى مەزمۇن قىلغان سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، 1967-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 14 مىڭ 929 پەلەستىنلىكنىڭ كىملىك سالاھىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستىكى سىنىپلاردا تەخمىنەن 1500 كەمچىللىك بارلىقى ۋە 6 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزدە 27 گە يېقىن قىسمىنىڭ ئىسرائىلىيە ئوقۇش پروگراممىسىغا تىزىملاتقانلىقىنى دەلىللەپ، مائارىپ ساھەسىدىكى بېسىملارغىمۇ دىققەت تارتىلدى.

فوندى جەمئىيەت نۆۋەتتىكى دەۋرنىڭ قۇددۇسنىڭ كىملىكىنى نىشانلىغان تىرىشچانلىقلاردا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان «يەھۇدىيلاشتۇرۇش» سىياسەتلىرى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

دوكلاتتا يەنە ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن يۈزدە 77 سىنىڭ نامراتلىق چېكىنىڭ ئاستىدا ياشايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلات پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا كۈللىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشنى ۋە شەھەرنىڭ ئەرەب ھەم ئىسلامىي خاراكتېرىنى ئۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى تېزلەتكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈردى.

پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلىدىكى ئىشغالىيىتىنى ياكى 1980-يىلىدىكى قوشۇۋېلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان خەلقئارالىق قارارلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، شەرقىي قۇددۇسنى پەلەستىن دۆلىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى پايتەختى دەپ قاراشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ جەرياندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچۇرلىرى بۇ مەسىلىگە ئائىت تېخىمۇ يۇقىرى رەقەملەرنى كۆرسەتمەكتە؛ بۇ ئۇچۇرلاردا 2025-يىلى مىسجىدى ئەقسا كۈللىيەسىگە 76 مىڭ 448 «يەھۇدىي زىيارەتچى» نىڭ كىرگەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا يۈزدە 31 ئاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Mosque torched in occupied West Bank as illegal Israeli settler violence mounts
ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى