مۈشۈكلەر دۇنيانى باشقۇرىدۇ
چوڭ مېھمانخانىلاردىن داڭلىق مۇزېيىلارغىچە، مۈشۈكلەر ئەڭ داڭلىق جايلارغا بېرىشنىڭ يولىنى تاپتى. ئۇلار پەقەت بۇ جايلارنىڭ ئالدىدىنلا ئۆتمەيدۇ، بەلكى بۇ تۆت پۇتلۇق مەخلۇقلار ئۆزلىرى ماكانلاشقان جايلارنىڭ سىمۋولى، تۇمارى ۋە ھەتتا مەشھۇرلىرىغا ئايلاندى.
بىز سەپىرىمىزنى كىنودىن چىققاندەك بىر ھېكايە بىلەن باشلايمىز. بىر تالا مۈشۈكىنىڭ سىياسىي يىغىنغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. بۇ مۇمكىن ئەمەستەك بىلىنىدۇ، شۇنداقمۇ؟ مانا، دەل مۇشۇنداق ئىش ۋىللوۋ (Willow ) ئىسىملىك كۈلرەڭ مۈشۈكنىڭ بېشىغا كەلدى.
-2020يىلى كىچىك يېشىل كۆزلۈك بىر مۈشۈك پېنسىلۋانىيەدە بايدىننىڭ يىغىنىغا ھەيۋەت بىلەن كىرىشنى قارار قىلدى. ئۇ سەھنىگە سەكرەپ چىقىپ، كەلگۈسىدىكى بىرىنچى خانىم جىل بايدىن (Jill Biden) نىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ تالا مۈشۈكى ئاخىرىدا ئاقساراينىڭ مۈشۈكىگە ئايلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ نۇرغۇن مۈشۈكلەر پەقەت چۈشىدە كۆرەلەيدىغان ھاياتنى ياشاشقا باشلىدى.
ۋىللوۋ بۇنداق بەختكە ئېرىشكەن يالغۇز مۈشۈك ئەمەس. پۈتكۈل دۇنيادا، مۈشۈكلەر ئۆزلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن بەزى ھەيران قالارلىق جايلارغا كىرگەن.
لوندوندا مۈشۈكلەر پەقەت ئۆي ھايۋانلىرىلا ئەمەس-ئۇلار خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى. لىلىبېت (Lilibet) بىلەن تونۇشۇڭ، ئايال پادىشاھ 2- ئېلىزابېتنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان گۈزەل سىبىرىيە ئورمان مۈشۈكى.
لىلىبېت بەش يۇلتۇزلۇق لانېسبوروف (Lanesborough) مېھمانخانىسىنى ئۆزىنىڭ ئۆيى قىلغان. ئۇ مەش يېنىدا كېرىلگىنىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن مېھمانلارغا پۇتلىرىنى سوزۇپ ياتىدۇ. بەزىلەر ھەتتا پەقەت ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈنلا ياتاق زاكاس قىلىدۇ. نېمىشقا ئۇنداق بولمىسۇن؟ ئۇ ھەشەمەتلىك مۇھىتقا ئىللىقلىق ۋە ئۆي ھېسسىياتىنى قوشقان جەلپكارلىقنىڭ بىر پارچىسى.
ئۇ لوندوننىڭ تارىخىي بىناسىدا ياشاۋاتقان يالغۇز مۈشۈك ئەمەس. ساۋۇسۋارك (Southwark) كاتېدرالىدا، خودج (Hodge) ئىسىملىك بىر مۈشۈك رىزنىتسانى ئۆيى قىلغان. ئۇ زىيارەتچىلەر ئارىسىدا خېلىلا مەشھۇر بولۇپ قالغان. سوۋغات بۇيۇملىرى دۇكانلىرى ئۇنىڭ پاختىلىق قونچىقىنى ساتىدۇ.
بەلكىم ئەڭ داڭلىق ئەنگلىيە مۈشۈكى لاررى (Larry) بولۇشى مۇمكىن. لاررى داۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇردا - ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ رەسمىي تۇرالغۇسى ۋە ئىشخانىسىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ رەسمىي ئۇنۋانى «كابىنېت ئىشخانىسىنىڭ چاشقان ئوۋچىسى». ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى باش ۋەزىرنىڭ تۇرالغۇسىنى چاشقانلاردىن قوغداش. لاررى ئۇ يەردە خېلى كۆپ باش ۋەزىرلەردىن ئىلگىرىلا بار ئىدى. بۇ بىر مۈشۈك ئۈچۈن زور مۇۋەپپەقىيەت!
مۈشۈكلەر پەقەت ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلاردا ياكى ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدىلا تۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دۇنياغا داڭلىق مۇزېيىلاردىمۇ ياشايدۇ. سىز رۇسىيەنىڭ سانت.پېتېرسبۇرگ شەھىرىدىكى ھەيۋەتلىك خېرمىتاژ مۇزېيىدا 2-1 مۈشۈك ئەمەس، بەلكى 80 گە يېقىن مۈشۈك كۆرىسىز!
بۇ مۈشۈكلەر مۇزېينىڭ ئاستى قەۋىتىدە ياشايدۇ. ئۇلار ئەسلىدە چاشقان تۇتۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بۈگۈنمۇ ئۇلار شۇ ۋەزىپىسىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنچىلىك داڭلىق بولۇپ كەتكەنكى ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ باياناتچىلىرىمۇ بار.
فلورىدانىڭ كى-ۋېست (Key West) شەھىرىدە، يەنە بىر مۇزېي ئالاھىدە بىر توپ مۈشۈكنىڭ ئۆيىگە ئايلانغان. خېمىڭۋەي (Hemingway) ئۆيى ۋە مۇزېيىدا 59 مۈشۈك بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېرنېست خېمىڭۋەي (Ernest Hemingway) نىڭ ئالتە بارماقلىق مۈشۈكى سنوۋ ۋايتنىڭ (Snow White) ئەۋلادلىرى. مۈشۈكلەر ھويلىدا ئەركىن ئايلىنىپ يۈرىدۇ، خېمىڭۋەينىڭ يېزىق ئۈستىلىدە يېتىپ، زىيارەتچىلەرنىڭ داڭلىق يازغۇچىنىڭ يادىكارلىقلىرىنى كۆرۈشىگە ھەمراھ بولىدۇ.
مۇزېيىدا ئىشلەيدىغان ئالېكسا مورگان (Alexa Morgan) كىشىلەرنىڭ كۆپىنچە تارىخ ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاخىرىدا مۈشۈكلەرگە ئاشىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بەزىلەر ھەتتا پەقەت يۇڭلۇق دوستلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن قايتا كېلىدۇ. بۇ مۈشۈكلەر خۇددىي خېمىڭۋەيدەك، ھېكايىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ.
بىراق، ھەر بىر داڭلىق مۈشۈكنىڭ ئۇزۇن نەسەبنامىسى ياكى ھەشەمەتلىك ئۆيى يوق. بەزىلىرى پەيدا بولىدۇ، يەرلىرىنى تاپىدۇ ۋە ھەرگىز كەتمەيدۇ.
ئىستانبۇلنىڭ كادىكۆي رايونىدا خاتىرجەملىككە تولغان كۆرۈنۈشى بىلەن ئىنتېرنېت دۇنياسىدا قەلبلەرنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان سېمىز ئالا رەڭلىك تالا مۈشۈكى بار ئىدى. بودەك ئۆلگەندىن كېيىن، كادىكۆي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ نامىغا بىر ھەيكەل ياساتتى. ھەيكەل ئۇنىڭ داڭلىق رەسىمى تارتىلغان پەلەمپەيگە ئورنىتىلدى.
ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاستىكى مەملىكەتلىك سايلام كومىتېتىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مۈشۈك بار. ئەلۋەتتە ئۇ سىياسەتكە قىزىقمايدۇ. ئۇ ئاۋازلىق كابېل بىلەن ئويناشنى ۋە مۇخبىرلار يېڭى خەۋەر ساقلاۋاتقاندا، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
كوسوۋۇنىڭ پرىشتىنا شەھىرىدە ھەممە ياخشى كۆرىدىغان لۇلە ئىسىملىك مۈشۈك بار. لۇلە دىتې نات (Dit 'e Nat) قەھۋەخانىسىدا تۇرىدۇ، ئۇ شۇنداق تونۇلغانكى، يۈزى قەھۋەخانىنىڭ شېكەر ئورالمىلىرىغا بېسىلدى.
- ئۇ پەقەت ئەرمەك ھايۋانلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەرنىڭ روھى - دەيدۇ، قەھۋەخانىنىڭ خوجايىنى.
خان جەمەتى تۇرالغۇسىدىن ئازادە قەھۋەخانا ۋە ئاۋات كوچىلارغىچە، مۈشۈكلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا يولىنى تاپتى، ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن ئۆزىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرىدۇ.
سىز بىر داڭلىق يەرنى زىيارەت قىلغاندا ياكى قەھۋە ئىچكەن ۋاقتىڭىزدا كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىڭ. بەلكىم ئۇ يەرنى باشقۇرىدىغان بىر مۈشۈك بىلەن تونۇشىشىڭىز مۇمكىن.