سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى: «سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن مەغلۇپ» بولۇش بىلەن ئەيىبل
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى لاپىد باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قوي
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى: «سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن مەغلۇپ» بولۇش بىلەن ئەيىبل
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى: «سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن مەغلۇپ» بولۇش بىلەن ئەيىبل / Reuters

ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يائىر لاپىد چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوللىغانلىقى سەۋەبىدىن نېتانياھۇنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ ئەھۋالنى «سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەت» دەپ سۈپەتلىدى.

لاپىد ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تارىخىمىزدا بۇنچىلىك چوڭ سىياسىي پاجىئەنى كۆرۈپ باقمىدۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ماھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار چىقىرىلغاندا، ئىسرائىلىيە ھەتتا ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى» دېدى.

لاپىد نېتانياھۇنىڭ «تەكەببۇرلۇقى، غەپلىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يېتەرسىزلىكى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇزۇن يىللار كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىنى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ نىشانلارغا يېتىشتە يېتەرسىز قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لاپىد باياناتىدا يەنە: «ئارمىيە ئۆزىدىن تەلەپ قىلىنغان ھەممە ئىشنى ئورۇندىدى، خەلق ئادەتتىن تاشقىرى قەيسەرلىك كۆرسەتتى، لېكىن نېتانياھۇ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى، شۇنداقلا ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلىگەن ھېچقانداق نىشانغا يېتەلمىدى» دېدى.

بۇ باياناتلار نېتانياھۇ ئىشخانىسىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھۇجۇملارنى ئىككى ھەپتە توختىتىپ تۇرۇش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

لېكىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى، ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ «لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئىرانغا قاراتقان بومباردىمان ۋە ھۇجۇملارنى «ئىككى ھەپتە توختىتىپ تۇرۇش» مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى