ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
نېفىت باھاسى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىش پىلانى سەۋەبىدىن ئۇدا ئۆرلىمەكتە
ۋاشىنگتوننىڭ تېھرانغا قاراتقان بېسىمنى ئاشۇرۇش پىلانى تۈپەيلى، خام نېفىت باھاسى ئۇدا يەتتىنچى سودا كۈنىدىمۇ ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇردى.
نېفىت باھاسى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىش پىلانى سەۋەبىدىن ئۇدا ئۆرلىمەكتە
2026-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، تەيۋەننىڭ كىلۇڭ پورتىدا بىر نېفىت تانكىرى ياكىلىشىدۇ. / Reuters

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن، نېفىت باھاسى بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى ساقلاپ قالدى. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تايانچ رايونلىرىدىن كېلىدىغان تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋاقتىنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋېتىشى مۇمكىن.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياردەمچىلىرىگە ئىرانغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىش تەييارلىقىنى قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن. مەزكۇر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت ترامپ ئىران پورتلىرىغا كىرىپ-چىقىشنى توسۇش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە نېفىت ئېكسپورتىنى بوغۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى نىشانلىغان.

گىرىنۋىچ ۋاقتى سائەت 01:54 تە، ئىيۇن ئېيىدا مال تاپشۇرۇلىدىغان «برېنت» (Brent) خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال سودىسى ھەر ۋارىلى 52 سېنت (%0.47) ئۆرلەپ، 111.78 دوللارغا چىقتى ۋە ئۇدا سەككىزىنچى كۈنى ئۆرلەش رېكورتىنى ياراتتى. ئىيۇن ئېيىدىكى توختام پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بولغاچقا، سودىسى تېخىمۇ قاينىغان ئىيۇل ئېيى توختاملىرى ھازىرنىڭ ئۆزىدە %0.4 ئۆرلەپ، 104.84 دوللاردىن سېتىلماقتا.

ئىيۇن ئېيىدا مال تاپشۇرۇلىدىغان ئامېرىكا غەربىي تېكساس خام نېفىتى (WTI) قەرەللىك مال سودىسى، ئالدىنقى سودا كۈنىدە %3.7 ئۆرلىگەندىن كېيىن، بۇ قېتىم ھەر ۋارىلى 57 سېنت (%0.57) ئۆرلەپ 100.50 دوللارغا چىقتى. بۇ نېفىت تۈرىنىڭ باھاسى ئاخىرقى سەككىز كۈننىڭ يەتتە كۈنىدە ئۈزلۈكسىز ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى.

«خەيتوڭ فۇچېرس» (Haitong Futures) ناملىق ۋاسىتىچىلىك شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى ياڭ ئەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نېفىت باھاسىنىڭ يېقىنقى ئۆرلىشى ھورمۇز بوغۇزىدىكى قامالدىن كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر پىرېزىدېنت ترامپ قامالنى ئۇزارتىشقا تەييارلىق قىلسا، تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئەھۋالى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، نېفىت باھاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەشكە مەجبۇرلايدۇ» دېدى.

28-فېۋرالدا پارتلىغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشىدا ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ ۋە تەرەپلەر توقۇنۇشقا رەسمىي خاتىمە بېرىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىران دۇنيادىكى نېفىت ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەمىنلىنىشىنىڭ تەخمىنەن %20 نى توشۇيدىغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشىنى كېسىپ قويدى. ئامېرىكا بولسا، ئىران پورتلىرىنى قامال قىلدى. بۇ ئەھۋال نۆۋەتتىكى توقۇنۇشنى تۇيۇق يولغا باشلاپ كىرمەكتە.

ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرولۇق قورال پىلانىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىۋاتقان بولسا، ئىران يېقىنقى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىش، ئىقتىسادىي جازالارنى يېنىكلىتىش ۋە ھورمۇز بوغۇزىدا مەلۇم دەرىجىدە كونتروللۇق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشى دۇنياۋى زاپاسلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بازار مەنبەلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى كېچىدە ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ خام نېفىت زاپىسى ئۇدا ئىككىنچى ھەپتە تۆۋەنلىگەن. مەنبەلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 24-ئاپرېل ئاخىرلاشقان ھەپتىدە خام نېفىت زاپىسى 1.79 مىليون ۋارىل، بېنزىن زاپىسى 8.47 مىليون ۋارىل، ئايرىلمىغان يېقىلغۇ زاپىسى بولسا 2.60 مىليون ۋارىل ئازايغان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى