تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتاتۈركىيە يېڭى ھەرىكەت پىلانى ئارقىلىق سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كېڭەيتىشنى، خۇسۇسىي مەبلەغلەرنى جەلپ قىلىشنى ۋە تېخنولوگىيە ھەمدە ئىگىلىك تىكلەش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلماقتا.
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا / Anadolu Agency

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاجىر، تۈركىيەنىڭ زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش ۋە يېڭى بىر دۆلەتلىك ھەرىكەت پىلانى ئارقىلىق سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «GITEX AI Türkiye» پائالىيىتىدە سۆز قىلغان قاجىر، ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك قوللاشلارنى سۇنۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قاجىر تۈركىيەدە نۆۋەتتە 1700 تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى بارلىقىنى ۋە 115 تېخنولوگىيە باغچىسىدا (تېكنوپارك) 13 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتكە ياردەم بېرىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئاممىۋى مەبلەغ مېخانىزملىرى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچى شىركەتلەر ئۈچۈن 2 مىليارد 800 مىليون دوللار مەبلەغ ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا ئاجرىتىلغان 300 مىليون دوللارلىق كارخانا مەبلىغىنىڭ بۇ ساھەگە 750 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەنبە جەلپ قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

 مىنىستىر يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ كونا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى تېرمىنالىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈنئىي ئەقىل مەبلىغى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى

قاجىر تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە مەركەزلەشكەن كارخانا مەبلەغ فوندلىرىغا 150 مىليون دوللار ئاممىۋى مەنبە ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھۆكۈمەتنىڭ 30 مىليارد دوللارلىق قوللاش تەشەببۇسى بولغان «HIT-30» پىروگراممىسى دائىرىسىدە، رەقەملىك بۇرۇلۇشنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان سۈنئىي ئەقىل تۈرلىرى ئۈچۈن 1 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق مەبلەغ ئاجرىتىلدى. 2026–2030-يىللىق سۈنئىي ئەقىل ھەرىكەت پىلانى بويىچە، ئاممىۋى سېلىنما پىلانلىرىنىڭ كەم دېگەندە %2 ى سۈنئىي ئەقىل تۈرلىرىگە سەرپ قىلىنىدۇ.

2030-يىلىغىچە دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئىقتىدارىنى بىر گىگاۋاتقا چىقىرىش ۋە بۇلۇت تېخنىكىسى بىلەن رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە كەم دېگەندە 10 مىليارد دوللار خۇسۇسىي مەبلەغ جەلپ قىلىش نىشان قىلىنماقتا.

 قاجىر يەنە تۈرك تىلىدىكى چوڭ تىل مودېلى «بىلگە» نىڭ (BİLGE) تۇنجى نۇسخىسىنىڭ پات يېقىندا تەتقىقاتچىلارغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ يەرلىك توك ئاپتوموبىلى «توگ» (TOGG) ھەققىدە توختىلىپ، نۆۋەتتە 120 مىڭغا يېقىن بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ يوللاردا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى