سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى ماقۇللىدى
پېنتاگون پەيشەنبە (13-نويابىر) كۈنى كەچتە 330 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى ماقۇللىدى
ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ھاۋادىن كۆرۈنۈشى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

پېنتاگون بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەنگە 330 مىليون دوللارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى زاپچاسلىرى ۋە رېمونت قىلىش ماتېرىياللىرى سېتىشنى ماقۇللىغانلىقىنى جاكارلىدى.

 بۇ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يانۋاردا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغاندىن بۇيان ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تۇنجى قېتىملىق قورال-ياراغ سودىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغانلىقى، ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئاي (2025-يىلى ئۆكتەبىر) جەنۇبىي كورېيەدە سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلان قىلىنغان بولدى.

پېنتاگوننىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «تەكلىپ قىلىنغان قورال-ياراغ سېتىش، تەيۋەننىڭ < F-16>، <C-130> ۋە باشقا ئايروپىلان فىلوتىنىڭ ھەرىكەتچان قابىلىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.»

خىتاي تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ئارالنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاقمايدۇ. تەيۋەن ھۆكۈمىتى بولسا، بېيجىڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە تەيۋەننىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا قارار بېرىش ھوقۇقىنىڭ پەقەت  تەيۋەن خەلقىگىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ترامپنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزىگە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ۋاشىنگتون بېيجىڭ بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، تەيۋەن بىلەن غەيرىي رەسمىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئارالنىڭ ئەڭ مۇھىم قورال تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى