سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىسرائىلىيەدە جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغان يەھۇدىيلارنى قانداق جاسۇس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؟
تېھران ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىدىكى چەتكە قېقىلغان شەخسلەرنى نىشان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلاردىن پايدىلانغان مۇرەككەپ جاسۇسلۇق ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى.
00:00
ئىران ئىسرائىلىيەدە جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغان يەھۇدىيلارنى قانداق جاسۇس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؟
ئىران ئىسرائىلىيەدە جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغان يەھۇدىيلارنى قانداق جاسۇس قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؟ / Reuters
2025-يىلى2-ئاينىڭ25-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپ قىسمى يەھۇدىي بولغان تەخمىنەن 30 پۇقراسىنى ئىران ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىشى تېھراننىڭ ئونلارچە يىللاردىن بۇيان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك سىڭىپ كىرىش تەشەببۇسى دەپ ئاتالغان بىر ئىستىراتېگىيەنى ئەكس ئەتتۈردى.

«بۇ يەردە بىر چوڭ ھادىسە بار» - دېدى: شىن بېتنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شالوم بېن خانان. ئۇ، ئىراننىڭ دۆلەتكە قارشى ئىشلەشكە قوشۇلغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەھۇدىي پۇقرالىرىنىڭ سانىنى تىلغا ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر، سوت خاتىرىلىرى ۋە رەسمىي باياناتلاردىن ئايان بولۇشىچە، قوبۇل قىلىنغان شەخسلەر ئىجتىمائىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلغان كىشىلەر – يېڭى كۆچمەنلەر، ئارمىيەدىن قېچىپ كەتكەنلەر ۋە  تۈرمىدە يېتىپ چىققان جىنايەتچىلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

تېھراننىڭ ئىلگىرىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يېڭى جاسۇسلۇق دولقۇنىنىڭ نىشانى سودىگەرلەر ۋە سابىق مىنىستىرلار قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى چەتكە قېقىلغان شەخسلەرنى تورغا چۈشۈرۈش ئىدى.

 بۇ سىڭىپ كىرىش ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تېھراننىڭ ھەربىي مال – مۈلۈكلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى نىشان قىلغان ۋاكالەت ئۇرۇشى جەريانىدا يۈز بەردى.

بۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشلەر ئىسمائىل ھەنىييە، يەھيا سىنۋار ۋە فەتتاھ شەرىف قاتارلىق ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى؛ ھەمدە ھەسەن نەسرۇللاھ، فۇئاد شۈكرى ۋە ھاشىم سافىئەددىنە قاتارلىق ھىزبۇللانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

 

 چەتكە قېقىلىشتىن تارتىپ جاسۇسلارغىچە

ساقچىلارنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئورگىنى شىن بېتنىڭ باياناتلىرىغا قارىغاندا، كەم دېگەندە ئىككى جىنايەت گۇماندارى ئىسرائىلىيەنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پراۋۇسلاۋىيە جەمئىيىتىدىن ئىدى.

ئۆكتەبىردە ھايفادا قولغا ئېلىنغانلار بۇ ئەندىزىنى ئېنىق ئەكس ئەتتۈردى. دەرۋەقە، بۇ تۇنجى قېتىملىق ۋەقەمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە.

دۆلەت مۇداپىئە ئانالىزچىسى ھەمزە ئاتتار ئىراننىڭ ئەزەربەيجان ۋە ئەرەب ئىسرائىلىيەلىكلەر – دىن كەلگەن ئوخشىمىغان ئىككى چەتكە قېقىلغان –يېڭى كۆچمەنلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىشلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى چوڭ ئىشتۇر، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن سەل يىراق بولغان بۇ مەھەللىلەرگە قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

ئىسرائىلىيە كىچىك، خەلقى ئومۇمەن ئۇيۇشۇشچان دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەل جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاساسەن ئۆتكىلى بولمايدىغان مەملىكەت دەپ قارالدى.»

ئاتتارنىڭ قارىشىچە، ئىراننىڭ نۇرغۇن چەتكە قېقىلغان گۇرۇپپىلارنى تورىغا چۈشۈرۈش ئىقتىدارى ئاخبارات جەھەتتىكى مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.

  

رەقەملىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولى

 

ئىران ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى 11-ئايدا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىغاندا، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق تالانتلىق خادىملارنى سىستېمىلىق ھالدا بايقىغان.

 بۇ ئۇسۇل بەزىدە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىۋاسىتە ئىدى – ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بىر ئىسرائىلىيەلىك پۇقراغا ئەۋەتىلگەن ۋە Reuters تەرىپىدىن كۆرۈلگەن بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزگۈچىلەرگە 15 مىڭ دوللار بېرىلىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان.

  ئىران يەنە كانادا ۋە ئامېرىكادا ياشايدىغان كاۋكاز دۆلەتلىرىدىن كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ چەت ئەلدىكى تورلىرىغا يېقىنلاشقان. 2007-يىلىغىچە ئىشلىگەن سابىق بىر ئىسرائىلىيەلىك جاسۇسلۇققا قارشى جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى بۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چەتكە قېقىلغان يەھۇدىي جەمئىيەتلىرىنى نىشان قىلغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بىر ئىستراتېگىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شەخسلەرگە دەسلەپتە پۇل بەدىلىگە زىيانسىزدەك كۆرۈنگەن ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئەمەلدارلار شەخسلەردىن شەخسلەر ۋە سەزگۈر ھەربىي ئاساسىي قۇرۇلمىلار ھەققىدە مەخسۇس ئىستىخبارات تەلەپ قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئادەتتە پاش بو قېلىشتىن تەھدىتلىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر.»

 

بۇ باسقۇچلۇق كۈچىيىش ئىستراتېگىيەسى ۋىكتورسسون دەۋاسىدا ئوتتۇرىغا چىقتى.

 

شىن بېت ۋە ساقچى تەكشۈرۈشلىرى ئۇنىڭ دەسلەپتە تەل ئاۋىۋنىڭ خايار كون باغچىسىدا تامغا رەسىم سىزىش، پۇل يوشۇرۇش، ئېلان چاپلاش ۋە ماشىنا كۆيدۈرۈشكە ئوخشاش ئاساسىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەر ئۈچۈن 5 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

 دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، كېيىنچە بۇ كىشىلەر سۇيىقەست ۋە قورال تەمىنلەشكە ئوخشاش تېخىمۇ ئېغىر ھەرىكەتلەردە ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 شىن بېتنىڭ 21-ئۆكتەبىردىكى باياناتىغا قارىغاندا، بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە دۆلىتى بىلىدىغان ئەڭ ئېغىر ۋەقەلەردىن بىرى» بولۇپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

 «بۇ سۈيىقەستلەر ھەققىدە تەپسىلىي خەلققە ئاشكارا باياناتلارنى ئېلان قىلىش قارارى، ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھەم ئىرانغا ھەم ئىسرائىلىيە ئىچىدىكى يوشۇرۇن بۇزغۇنچىلارغا تۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش مەقسىتىدىكى بىر قەدىمى ئىدى» دەپ چۈشەندۈردى بېن خانان.

 «خەلقنى ئاگاھلاندۇرماقچى بولىسىز. شۇنداقلا دۈشمەن بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلاۋاتقان ياكى پىلانلاۋاتقان كىشىلەرگە بىر مىسال بولۇشنى خالايسىز.»

 ئىسرائىلىيە ئۇزۇن يىللار جەريانىدا باش دۈشمىنى بىلەن ئېلىپ بارغان كۆلەڭگە ئۇرۇشىدا ناھايىتى زور ئىستىخبارات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئېرىشتى، بۇنىڭغا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر يادرو ئالىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى دەۋالىرىمۇ كىرىدۇ.

 تۇتقۇن قىلىشلاردىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئەۋەتىلگەن بىر باياناتتا، ئىراننىڭ ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان-بولمىغانلىقى جەزملەشتۈۈلرمىدى ياكى ئىنكار قىلىنمىدى ھەمدە «مەنتىقىلىق كۆز قاراشقا ئاساسەن» ئىران ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىقلىرىنىڭ گۇماننى ئازايتىش ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىنى ئىرانلىق ۋە مۇسۇلمان بولمىغان شەخسلەرگە مەركەزلۈشتۈرىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى
ترامپ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئۇيلاشماقتا
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى