«ت ر ت خابەر» قانىلى | سەرتاچ ئاقسان
ئەنقەرە ساھىبخانلىق قىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى پەقەتلا ئىتتىپاق ئۈچۈن چىقىرىلغان قارارلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. رەھبەرلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەردە چىقارغان قارارلىرى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلىرىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئەلۋەتتە F-35، CAATSA جازالىرى ۋە KAAN غا ئىشلىتىلىدىغان ماتورلاردا ئىدى. لېكىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دىققەت تارتىدىغان يەنە بىر ئۇچۇرنى ھەمبەھرىلەدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ: «ھۆرمەتلىك ترامپ بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تاشلايدىغان قەدەملىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق. ئالاھىدە قىلىپ ئېيتقاندا، كېمىسازلىق سانائىتى ئۈستىدە توختالدۇق. بۇلار پىلاد كېمىلىرى (فىرقەتەينلەر)، تورپېدا كېمىلىرى (كورۋېتلار) ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بولۇشى مۇمكىن... تۈركىيە بۇلارنى ئۆز كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىدا ياسىيالايدۇ» دېگەن باياناتى بىزنى كەلگۈسى ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى تۈركىيەدە ياسىيالامدۇ؟
بۇ سوئالغا ھازىرقى قانۇنلار دائىرىسىدە جاۋاب بەرسەك ھازىرچە ئانچە مۇمكىندەك كۆرۈنمەيدۇ. چۈنكى ئامېرىكا قانۇنلىرى دۆلەت سىرتىدا ئۇرۇش پاراخوتى ياساشنى ئېنىق چەكلەيدۇ. لېكىن بۇ چەكلىمە يولغا قويۇلغان دەۋر بىلەن بۈگۈنكى ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زور پەرق بار.
پىرېزىدېنت ترامپمۇ بۇنى ياخشى بىلىدۇ... «ئۆتمۈشتە ھەر كۈنى بىر ئۇرۇش پاراخوتى ئىشلەپچىقىرالايتتۇق. ھازىر بۇنىڭدىن بەكمۇ يىراقتىمىز. مەقسىتىمىز شۇ ئىقتىدارنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈش. بۇ مەسىلىدە ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىنمۇ پايدىلىنىمىز. بەلكىم مەجبۇر بولۇپ قالىمىز» دېگەن جۈملىلىرى بىلەن ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى ھەم كەلگۈسىدىكى يول خەرىتىسىنى تەسۋىرلەپ بېرىۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتلەر ئۆز ھەربىي ئىقتىدارىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتىدە ھەتتا مەجبۇرىيىتىدە تۇرماقتا. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكامۇ ھازىرقى قانۇنلىرىنى يۇمشىتىش يولىنى تاللاپ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى دۆلەت سىرتىدا ئىشلەپچىقىرالايدىغان يېڭى بىر بەلگىلىمىنى تۈزۈپ چىقىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا نۆۋەتتە ئۇرۇش پاراخوتى ئىشلەپچىقىرىشتا ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىزىملىككە تۈركىيەنىمۇ قوشۇشى مۇمكىنلىكى كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كۆپ تىلغا ئېلىنماقتا.
* * *
تۈرك كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىنىڭ ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى
مەسىلە پەقەت پاراخوت ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسىلا ئەمەس... ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دېڭىز كۈچلىرىنى ئىنتايىن ئاكتىپ ئىشلىتىدۇ. ئىران ئۇرۇشى بىلەن بىرگە ئاق دېڭىزدىكى سۇپا سانى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى.
رايوندىكى پاراخوتلارنىڭ ئاسراش، رېمونت قىلىش ۋە ساقلاشقا ئوخشاش ھاياتىي مەسىلىلىرى ئۈچۈن رايوندىكى تەرەققىي قىلغان كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىغا ئېھتىياج بار. ئامېرىكا بۇ ئېھتىياجلار ئۈچۈن كىرودىيە ۋە ئىتالىيەدىكى كېمىسازلىق زاۋۇتلىرىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
بۇ نۇقتىدا يەنە بىر مۇھىم سوئال ئالدىمىزغا چىقىدۇ... تۈرك كېمىسازلىق زاۋۇتلىرى ئامېرىكا پاراخوتلىرى ئۈچۈن يېڭى ئىشلەپچىقىرىش، ئاسراش / رېمونت قىلىش ياكى داۋاملاشتۇرۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى قىلالامدۇ؟ بۇ سوئالغا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىش مۇمكىن. ئەنقەرە يولغا قويغان يول خەرىتىسى بىلەن بۇ ساھەدىكى ئىمكانىيەت ۋە ئىقتىدارلىرىنى ئىنتايىن يۇقىرى بىر نۇقتىغا كۆتۈردى.
تۈركىيە خىتايدىن كېيىن دۇنيادا بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ ھەربىي پاراخوت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا ياكى ناتو ئىچىدە كۆرۈنەرلىك پەرق بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. دەل ئامېرىكانىڭ ھەم يېڭى دېڭىز سۇپىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەم مەۋجۇت كۈچلىرىنى ئاسراش / رېمونت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەنى تاللىشى مۇمكىنلىكىنىڭ ئاساسىدىمۇ مۇشۇ رېئاللىق ياتىدۇ.
تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان ۋە بۈگۈنگىچە ئىنكار قىلىنمىغان بىر ئۇچۇرنىمۇ ئەسلەپ ئۆتۈش پايدىلىق بولسا كېرەك. ئۆتكەن ئايلاردا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە سىستېمىلىرى قوماندانلىق ئىشتابىدىن بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىستانبۇل كېمىسازلىق باشقارمىسىنى زىيارەت قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كۆرگەنلىرىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە جەم قىلغاندا، ئامېرىكا تۈركىيەنى تاللىغان تەقدىردە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئەردوغان-ترامپ باشچىلىقىدا تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشى بىر نۇقتىغا كەلدى. بۇ يېڭى مۇناسىۋەتكە ھەربىي پاراخوتلارمۇ قوشۇلسا ئەنقەرە-ۋاشىنگتون لىنىيەسى تېخىمۇ قىممەتلىك بىر شېرىكچىلىكنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان بولىدۇ.




















